- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
دۆلەت باشقۇرۇشىدىكى جامائەت فوندىدىن ئەڭ ئاز بولغاندا 700 مىڭ يۈەن قەرز ئالغىلى بولىدۇ
2015.11.18 14:46 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ يېقىندا دۆلەت باشقۇرۇشىدىكى جامائەت فوندى مەركىزىدىن ئۇقۇشىچە، دۆلەت باشقۇرۇشىدىكى جامائەت فوندىدىن قەرز ئېلىش سىياسىتى يەنىمۇ قويۇۋېتىلىدىكەن. يېڭى بەلگىلىمىدە ئىشچى-خىزمەتچىلەر تۇنجى يۈرۈش تۇرالغۇ ئۆي سېتىۋېلىش ئۈچۈن قەرز ئېلىشقا ئىلتىماس قىلسا، يېقىنقى بىر يىلنىڭ ئىچىدە تۇرالغۇ جامائەت فوندىدىن قەرز ئالغان-ئالمىغانلىقىنى ئويلاشماسلىق، شەخسنىڭ تۇرالغۇ جامائەت فوندى ئىسچوتىنىڭ قالدۇق سوممىسى 70 مىڭ يۈەنگە توشمىغانلىرىنى 70 مىڭ يۈەن بويىچە ھېسابلاش بەلگىلەنگەن. بۇ دۆلەت باشقۇرۇشىدىكى جامائەت فوندى ئەڭ تۆۋەن قەرز بېرىش سوممىسىنىڭ ئەسلىدىكى 500 مىڭ يۈەندىن 700 مىڭ يۈەنگە ئۆستۈرۈلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدىكەن. يېڭى بەلگىلىمە 12-نويابىردىن باشلاپ ئىجرا قىلىنغان. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر