باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بىرىنچى يۈز يىللىق كۈرەش نىشانىغا قاراپ ئاتلىنايلى

ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 5 – ئومۇمىي يىغىنىدىن جۇڭگونىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشىگە نەزەر

2015.11.19 13:41         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 5 – ئومۇمىي يىغىنى 29 – ئۆكتەبىر بېيجىڭدا ئوڭۇشلۇق يېپىلدى، يىغىندا ‹‹ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ 13 – بەش يىللىق يىرىك پىلانىنى تۈزۈش توغرىسىدىكى تەكلىپى›› قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى.

  باشلىنىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان 13 – بەش يىللىق يىرىك پىلان 2020 – يىلىغا بارغاندا بىرىنچى يۈز يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش تاماملىنىدىغان بەش يىللىق يىرىك پىلان، شۇنداقلا جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى يېڭى نورمال ھالەتكە كىرگەندىن كېيىنكى تۇنجى بەش يىللىق يىرىك پىلان ھېسابلىنىدۇ. ئومۇمىي يىغىندا ۋە ماقۇللانغان ‹‹تەكلىپ›› تە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش يېڭى نىشانى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، يېڭىلىق يارىتىش، ماسلاشتۇرۇش، يېشىل بولۇش، ئېچىۋېتىش، ئورتاق بەھرىمەن بولۇشتىن ئىبارەت بەش تەرەققىيات ئىدىيەسى تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، جۇڭگونىڭ ‹‹13 – بەش يىل››، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ ئۇزاق مەزگىللىك تەرەققىياتى سۈرەتلەپ بېرىلدى.

  يېڭى نىشان: ئىقتىسادنىڭ ئوتتۇراھال، يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىشىنى ساقلاپ، ئومۇميۈزلۈك نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش

  تەرەققىيات چىڭ قائىدە. ‹‹13 – بەش يىل›› مەزگىلى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتىكى ھەل قىلغۇچ باسقۇچ بولسىمۇ، لېكىن تەرەققىيات مۇھىتىدا ئۆزگىرىش بولۇپ، ھەر خىل خېيىمخەتەر ۋە خىرىسلار ئۈزلۈكسىز ئاشتى. شۇڭا ئومۇمىي يىغىندا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتىكى يېڭى نىشان، تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى

  ئىقتىساد جەھەتتە: ئىقتىسادنىڭ ئوتتۇراھال، يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىشىنى ساقلاپ، تەرەققىياتنىڭ تەكشىلىكى، سىغدۇرۇشچانلىقى، ئىمكانىيەتلىك سىجىللىقىنى ئاشۇرۇش ئاساسىدا ‹‹ئىككى بىر قاتلاش››نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، كەسىپلەرنى ئوتتۇرا، يۇقىرى سەۋىيەگە قاراپ ئىلگىرىلىتىپ، ئىستېمالنىڭ ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا قوشقان تۆھپىسى كۆرۈنەرلىك ئاشۇرۇلىدۇ؛ خەلق تۇرمۇشى جەھەتتە: خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى ۋە سۈپىتى ئومۇميۈزلۈك يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ، ئېلىمىزدە ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان ئۆلچەم ئاساسىدا يېزىلاردىكى نامرات ئاھالە نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، نامرات كەنتلەرنىڭ پۈتۈنلەي قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلاپ، رايون خاراكتېرلىك نامراتلىق ھەل قىلىنىدۇ؛

  تۈزۈلمە – مېخانىزم جەھەتتە: ھەر جەھەتتىكى تۈزۈملەر تېخىمۇ پىشىپ يېتىلىپ تۇراقلىشىدۇ، دۆلەتنىڭ ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشتا زور ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلتۈرۈلىدۇ.

  جۇڭگو (خەينەن) ئىسلاھات ۋە تەرەققىيات تەتقىقات يۇرتىنىڭ باشلىقى چى فۇلىن مۇنداق دېدى: بۇنىڭ بىلەن ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ مەزمۇنى تېخىمۇ ئېنىق، ئومۇميۈزلۈك بولغان ۋە كونكرېتلاشتۇرۇلغان بولۇپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەدىكى تەرەققىيات نىشانى ھېسابلىنىدۇ.

  ئومۇمىي يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: نىشاننى ئۆز قەرەلىدە ئىشقا ئاشۇرۇشتا خەلقنىڭ سۇبيېكتلىق ئورنىدا چىڭ تۇرۇش، ئىلمىي تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇش، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، مەملىكەت ئىچى ۋە خەلقئارا ئىككى چوڭ ۋەزىيەتنى بىر تۇتاش پىلانلاشتا چىڭ تۇرۇش، پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇشتىن ئىبارەت ‹‹ئالتىدە چىڭ تۇرۇش››قا جەزمەن ئەمەل قىلىش كېرەك.

  تېخىمۇ چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە بولغىنى ئومۇمىي يىغىندا يېڭىلىق يارىتىش، ماسلاشتۇرۇش، يېشىل بولۇش، ئېچىۋېتىش، ئورتاق بەھرىمان بولۇشتىن ئىبارەت تەرەققىيات ئىدىيەسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى، شۇنداقلا بۇنىڭ ئېلىمىزنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتىگە چېتىلىدىغان بىر مەيدان چوڭقۇر ئىسلاھات ئىكەنلىكى تەكىتلەندى.

  چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى دۆلەت ئەھۋالى تەتقىقات يۇرتىنىڭ باشلىقى خۇ ئەنگاڭ مۇنداق دېدى: بۇ بەش ئىدىيەدە جۇڭگونىڭ ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزگەن قىممەتلىك تەجرىبىلىرى چوڭقۇر خۇلاسىلىنىپ، دەۋرنىڭ يېڭى يۆنىلىشى، يېڭى ئالاھىدىلىكى، يادروسى ۋە ئاخىرقى نىشانىنىڭ شەخسنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىكەنلىكى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.

  تەرەققىياتتا يېڭىلىق يارىتىش: دۆلەت تەرەققىيات ئومۇمىيىتىنىڭ يادروسى

  جۇڭگو، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشتىن ئومۇمىي خەلق ئىگىلىك تىكلەپ، ھەممە يېڭىلىق يارىتىشقىچە بولغان جەرياندا، ئومۇميۈزلۈك يېڭىلىق يارىتىش يولىغا ماڭدى.

  كەلگۈسى بەش يىلدا يېڭىلىق يارىتىش دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتىدە قانداق ئورۇندا تۇرىدۇ؟ ئومۇمىي يىغىندا بۇنىڭغا ئېنىق جاۋاب بېرىلدى: يېڭىلىق يارىتىشنى دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتىدە يادرولۇق ئورۇنغا قويۇپ، يېڭىلىق يارىتىشنى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ بارلىق خىزمەتلىرىگە ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىشنى پۈتكۈل جەمئىيەتتە ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئادەتكە ئايلاندۇرۇش كېرەك.

  خۇ ئەنگاڭ مۇنداق دېدى: يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىي قىلىش ‹‹13 – بەش يىل›› مەزگىلىدە ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى ئىستراتېگىيەلىك تەڭشەشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئاچقۇچلۇق ھەرىكەتلەندۈرگۈچ ئامىل، ‹‹بەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش›› ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسى ئاساسىدا ئومۇميۈزلۈك ئىلمىي تەرەققىي قىلىشنىڭ ئاساسىي كاپالىتى، تۈپكى تىرەك ۋە ئاچقۇچلۇق ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ھېسابلىنىدۇ.

  ئومۇمىي يىغىندا ‹‹13 – بەش يىل›› مەزگىلىدە يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئۈچ تۈرلۈك يولى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى:

  تەرەققىيات يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى يېتىلدۈرۈپ، ئامىللارنى تەقسىملەشنى ئەلالاشتۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، يېڭى تېخنىكا، يېڭى كەسىپ، يېڭى ھالەتنى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش؛

  يېڭى تەرەققىيات بوشلۇقىنى كېڭەيتىپ، تور كۈچلۈك دۆلىتى بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ئومۇميۈزلۈك يېڭىلىق يارىتىشتىكى باشلامچىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، كەسىپ يېڭى سىستېمىسى قۇرۇش؛

  تەرەققىيات يېڭى تۈزۈلمىسى بەرپا قىلىپ، مەمۇرىي باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تۈرلۈك دۆلەت مۈلكىنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، زامانىۋى مالىيە تۈزۈمى، باج تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھازىرقى پۇل مۇئامىلە بازىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش رامكىسىنى ئىسلاھ قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش؛

  ‹‹تەرەققىياتتا يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇشنىڭ ھەر قايسى كەسىپ – ساھەلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى جەزمەن ئاشۇرىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىگىلى بولىدۇ. 2020 – يىلىغا بارغاندا بىر قاتار ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى چەكلىمىگە ئۇچرىتىدىغان بىر قاتار مۇھىم پەن – تېخنىكا مەسىلىسىنىڭ ھەل بولىدىغانلىقىدىن ئۈمىد بار، جۇڭگو خەلقئارا تەرەققىياتتا يېڭىلىق يارىتىش ھەمكارلىق تورىغا سىڭىپ كېتىدۇ››، دېدى دۆلەت مەمۇرىيەت ئىنستىتۇتى ئىقتىسادشۇناسلىق بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى جاڭ جەنبىن.

  ماس تەرەققىي قىلىش: تەرەققىياتتىكى مۇھىم مۇناسىۋەتلەرنى توغرا بىر تەرەپ قىلىش كېرەك جۇڭگو 30 نەچچە يىللىق ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يۇقىرى سۈرئەتلىك تەرەققىيات جەريانىدا بىر قاتار تەكشى بولماسلىق، ماس بولماسلىق، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولماسلىق مەسىلىسىگە دۇچ كېلىۋاتىدۇ.

  شەھەر، يېزا رايونىنى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ماس تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، يېڭىچە سانائەتلىشىش، ئۇچۇرلىشىش، بازارلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تەڭ قەدەمدە تەرەققىي قىلدۇرۇپ، دۆلەتنىڭ قاتتىق ئەمەلىي كۈچىنى ئاشۇرۇش بىلەن بىللە، دۆلەتنىڭ يۇمشاق ئەمەلىي كۈچىنى ئاشۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، تەرەققىياتنىڭ پۈتۈنلۈكىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇش كېرەك .....

  ئومۇمىي يىغىندا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش يۆنىلىشى ئېنىق كۆرسىتىلدى ھەم ماس تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرى ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى پۇختا ئىگىلەپ، تەرەققىياتتىكى مۇھىم مۇناسىۋەتلەرنى توغرا بىر تەرەپ قىلىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  گوۋۇيۈەن تەرەققىيات تەتقىقات مەركىزى تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى ۋە رايون ئىقتىسادى تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ تەتقىقاتچىسى ليۇ يۈنجۇڭ مۇنداق دېدى: بۇ ئەنئەنىۋى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش مەزمۇنىنى زور دەرىجىدە كېڭەيتىدۇ، پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ‹‹بەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش›› ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىدىكى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش تەرەققىيات يېڭى ئىدىيەسىگە ئۇيغۇن.

  ئاخباراتتا يەنە رايونلارنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، شەھەر، يېزىلارنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ماددىي مەدەنىيەت ۋە مەنىۋى مەدەنىيەتنى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، شۇنداقلا ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش ۋە دۆلەت مۇداپىئە قۇرۇلۇشىنى يۇغۇرما تەرەققىي قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت تۆت جەھەتتىن ماس تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ يۆنىلىشى ۋە نىشانى شەرھلەندى.جۇڭگو خەلقئارا ئىقتىساد ئالماشتۇرۇش مەركىزى ئۇچۇر بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ جۈن مۇنداق دېدى: ھازىر جۇڭگو تىپىنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشتەك تارىخىي ئاچقۇچلۇق نۇقتىدا تۇرۇۋاتىدۇ، ماس تەرەققىي قىلىش يېتەرسىزلىكلەر ۋە ئاجىز ھالقىلارنى تولۇقلاپ، بۇ ئارقىلىق تەرەققىيات بوشلۇقىنى كېڭەيتىپ، تەرەققىيات زاپاس كۈچى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، جۇڭگونىڭ ھەرتەرەپلىمە تەكشى، ماس تەرەققىي قىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن دېرەك بېرىدۇ، بۇمۇ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى.

  يېشىل تەرەققىيات: ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى تۇنجى قېتىم بەش يىللىق پىلانغا كىرگۈزۈلدى

  ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇش، قانداق قىلغاندا ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراشتىكى يېتەرسىزلىكلەرنى تولۇقلاش كەلگۈسى بەش يىلدا جۇڭگو جەزمەن ھەل قىلىشقا تېگىشلىك تەرەققىيات قىيىن مەسىلىسى.

  چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى ئىقتىساد باشقۇرۇش ئىنستىتۇتىنىڭ پىروفېسسورى بەي جۇڭئېن مۇنداق دېدى: 13 – بەش يىللىق يىرىك پىلان پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكىنى ‹‹بەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش›› ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىغا كىرگۈزگەن تۇنجى بەش يىللىق يىرىك پىلان بولۇپ قالىدۇ. ئاخباراتتا ‹‹ئېكولوگىيە مۇھىت سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشىلاش›› نى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ يېڭى نىشانى قاتارىغا كىرگۈزدى، بۇ يېشىل تەرەققىياتقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تىرىشىپ گۈزەل جۇڭگو قۇرۇش ئىرادىسى ۋە ئىشەنچىسىنى نامايان قىلىدۇ.

  ئىشلەپچىقىرىش يۈكسەلگەن، تۇرمۇش باياشات بولغان، ئېكولوگىيەسى ياخشىلانغان مەدەنىي تەرەققىيات يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، دۇنيا ئېكولوگىيەسىنىڭ بىخەتەرلىكىگە يېڭى تۆھپە قوشۇپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق ئايلانما تەرەققىيات كەسىپ سىستېمىسىنى قۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كاربون قويۇپ بەرمەسلىككە يېقىنلاشقان رايون ئۈلگە كۆرسىتىش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، ئەڭ قاتتىق مۇھىت ئاسراش تۈزۈمىنى يۈرگۈزۈپ، كەڭ كۆلەملىك دۆلەت زېمىنىنى يېشىللاشتۇرۇش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇش، ۋەھاكازالار.

  ئومۇمىي يىغىندىكى ئورۇنلاشتۇرمىلاردا يېشىل تەرەققىيات يېڭى نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى ھەم ھەرىكەت يول خەرىتىسى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىلىپ، دۇنياغا يېشىل تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇش توغرىسىدا تەنتەنىلىك ۋەدە بېرىلدى.

  مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقى مۇھىت ۋە ئىقتىساد سىياسىتى تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى شيا گۇاڭ مۇنداق دېدى: ئومۇمىي يىغىننىڭ يېشىل تەرەققىيات توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرمىسى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدىكى بىر قاتار يۇقىرى قاتلام لايىھەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش لايىھەسى بولۇپ، كەلگۈسى بەش يىللىق ئىستىھكامغا ھۇجۇم قىلىش ‹‹ئاتاكا سىگنالى››نى ياڭراتتى.

  شيا گۇاڭ مۇنداق دېدى: ھەرىكەت پىروگراممىسى بار بولدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈش مۇھىم نۇقتا. ئومۇمىي يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ‹‹ئۆلكىدىن تۆۋەن مۇھىت ئاسراش ئاپپاراتلىرىنىڭ تەكشۈرۈپ ئۆلچەش، مەمۇرىي تەپتىش قىلىش، قانۇن ئىجرا قىلىشىنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش›› قاتارلىق بىر قىسىم قاتتىق تەدبىرلەر ئىلگىرى تېخى مۇھاكىمە قىلىنىپ ئىزدىنىۋاتقان سىياسەتنى كەلگۈسى بەش يىلدا ئومۇميۈزلۈك كېڭەيتىپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىن دېرەك بېرىدۇ. بۇ، مۇھىت ئاسراشنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى جەھەتتىكى مۇھىم ئىسلاھات بولۇپ، يەرلىك مەمۇرىي تارماقلارنىڭ مۇھىت ئاسراش قانۇنىنى ئىجرا قىلىشتىكى توسالغۇلارنى يېڭىپ، يەرلىك قورۇقچىلىقنى يېڭىشىگە ياردەم بېرىپ، تېخىمۇ قاتتىق مۇھىت ئاسراش سىياسىتى توغرىسىدا ئاكتىپ سىگنال تارقىتىدۇ.

  ئېچىۋېتىش، تەرەققىيات: قۇرۇقلۇق – دېڭىز، ئىچكى – تاشقى جەھەتتە تەڭ ھەرىكەتلىنىش، شەرق ۋە غەربكە قوش يۆنىلىشلىك ئېچىۋېتىش

  دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلغان چوڭ يۈزلىنىشىدە، كەلگۈسى بەش يىلدا جۇڭگودا ئېچىۋېتىشنىڭ قانداق يېڭى ۋەزىيىتى يارىتىلىدۇ؟

  ئومۇمىي يىغىندا مۇنداق دېيىلدى: ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشى، ئالاقىدار دۆلەت ۋە رايونلار بىلەن بولغان كۆپ ساھەدىكى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ئورتاق پايدا ئېلىش ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى، خەلقئارا ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ۋە جابدۇق ياسىمىچىلىقى ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قۇرۇقلۇق – دېڭىز، ئىچكى – تاشقى جەھەتتە تەڭ ھەرىكەتلىنىش، شەرق ۋە غەربكە قوش يۆنىلىشلىك ئېچىۋېتىلگەن ئومۇميۈزلۈك ئېچىۋېتىش يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىش كېرەك.

  دۇنيا ئىقتىسادىنى ئىدارە قىلىشتىكى تۈزۈم خاراكتېرلىك سۆز ھوقۇقىنى كۈچەيتىپ، كەڭ دائىرىدىكى مەنپەئەت ئورتاق گەۋدىسىنى قۇرۇش جۇڭگونى سىرتقا ئېچىۋېتىشتە تېخىمۇ مول مەزمۇنغا ئىگە قىلدى؛ سىرتقا ئېچىۋېتىشتىكى يېڭى تۈزۈلمىنى شەكىللەندۈرۈپ، قانۇن ئىدارە قىلىدىغان، خەلقئارالاشقان، قولايلىق سودا مۇھىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش جۇڭگونى سىرتقا ئېچىۋېتىشنى تېخىمۇ يۇقىرى قاتلامغا كۆتۈردى.

  دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى تاشقى ئىقتىسادىي تەتقىقات ئورنى خەلقئارا ھەمكارلىق ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى جاڭ جيەنپىڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو كەلگۈسىدە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئالىدىغان ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويىدۇ ھەم تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت ۋە تەرەققىي قىلمىغان دۆلەتلەر، خەلقئارا تەشكىلاتلارنى زۆرۈر مەبلەغ، خادىم، يۇمشاق ماتېرىيال ۋە قاتتىق ماتېرىيال قاتارلىق جامائەت مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەپ، دۇنيا ئىقتىسادىنى باشقۇرۇش سۇپىسىدا جۇڭگونىڭ تۈزۈم خاراكتېرىدىكى سۆز ھوقۇقىنى كۈچەيتىپ، كەڭ دائىرىدىكى مەنپەئەت ئورتاق گەۋدىسىنى قۇرىدۇ.

  ئومۇمىي يىغىندا مۇنداق دېيىلدى: سىرتقا ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قوش يۆنىلىشلىك ئېچىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دېڭىز بويىدىكى رايونلارنىڭ دۇنيا ئىقتىسادىي ھەمكارلىقى ۋە رىقابىتىگە ئومۇميۈزلۈك قاتنىشىشىنى قوللاپ، دۇنياۋى تەسىر كۈچىگە ئىگە ئىلغار ياسىمىچىلىق بازىسى ۋە ئىقتىساد رايونىنى يېتىشتۈرۈش كېرەك.

  جاڭ جيەنپىڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ دېڭىز بويى رايونلىرىنى باشلامچىلىق بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇش، دۇنياۋى ماركا تەسىر كۈچى ۋە دۇنياۋى رىقابەت كۈچىگە ئىگە جۇڭگودىكى دۆلەت ھالقىغان كارخانىلارنىڭ كۆپ قىسمى دېڭىز بويى رايونلىرىغا مەركەزلەشكەن، ئۇلار ئىلغار شىركەت باشقۇرۇش ئەندىزىسى، تەتقىق قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى ۋە دۇنياۋى بايلىق تەقسىملەش ئىقتىدارىغا ئىگە، دېڭىز بويى رايونلىرىنىڭ دۇنيا ئىقتىسادىي ھەمكارلىقى ۋە رىقابىتىگە ئومۇميۈزلۈك قاتنىشىشىنى جەزمەن قوللاپ، ‹‹جۇڭگودا ياسالغان›› دېگەن ماركا ئۈچۈن شەرەپ ۋە دۇنياۋى تەسىر كۈچنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.

  سودا مىنىستىرلىقى تەتقىقات يۇرتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شىڭ خۇيۈەن مۇنداق دېدى: ئوچۇق ئىقتىساد يېڭى تۈزۈلمىسىنى بەرپا قىلىش بىر تۈرلۈك ئۇزاق مەزگىللىك ۋەزىپە، يېقىنقى مەزگىل ۋە يىراق مەزگىلگە تەڭ ئېتىبار بېرىپ، تۈزۈم ۋە پىرىنسىپ قۇرۇلۇشىغا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. ھەم تاشقى ئىقتىسادقا چېتىشلىق قانۇن – تۈزۈم قۇرۇلۇشى قەدىمىنى تېزلىتىپ، تۈزۈلمە، مېخانىزمدىكى توسالغۇلارنى قانۇن بويىچە تۈگىتىش، ھەم تاشقى ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى ئەندىزىسى، يېڭى يولى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، دۆلىتىمىزنىڭ دۇنيا ئىقتىساد سىستېمىسىغا چوڭقۇر سىڭىپ كىرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  تەرەققىياتتىن ئورتاق بەھرىمەن قىلىش: ئامما بىرلىكتە ھاللىق جەمئىيەتكە قەدەم قويۇش

  ‹‹تۈزۈمنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ئورۇنلاشتۇرۇش ئاممىنى تەرەققىياتتىن ئورتاق بەھرىمەن قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىدۇ››، ئاخباراتتا تەرەققىياتتىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش ئىدىيەسى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  دۆلەت مەمۇرىيەت ئىنستىتۇتى تەدبىر بەلگىلەش، مەسلىھەت بېرىش بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى دىڭ يۈەنجۇ مۇنداق دېدى: بۇ ئىدىيە دۆلەت قاتلىمىدىكى تەرەققىيات يىرىك پىلان تەكلىپىگە كىرگۈزۈلدى ھەم مۇھىم ئورۇنغا قويۇلۇپ، ئىستراتېگىيەلىك نەزەر ئىپادىلەندى. چوڭ دۆلەتنىڭ تەرەققىياتىدا ئەپۇچان تۈزۈم لايىھەسى، ئورتاق بەھرىمەن بولۇش تەرەققىيات ئىدىيەسى بولمىسا، ئاممىدا تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسى بولۇپ، ئىقتىسادنىڭ ئۇزاققىچە، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولمايدۇ.

  تەرەققىياتتا خەلقنى كۆزلەش، تەرەققىياتتا ئاممىغا تايىنىش، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئاممىنى ئورتاق بەھرىمەن قىلىش كېرەك. ئاخباراتقا ئاساسەن، تەرەققىياتتىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش ئىدىيەسىدە پۇقرالار بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بىر قاتار خەلق تۇرمۇشى تەدبىرلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلدى:

  بىر ئەر – خوتۇن ئىككى پەرزەنتلىك بولۇش سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈش؛

  ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىشنى ئومۇميۈزلۈك قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇش؛

  جانلىق ئىشقا ئورۇنلىشىش، يېڭى ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋەزىيىتىگە بولغان قوللاشنى كۈچەيتىش؛

  ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلىنى مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش پىلانلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇش؛

  جۇڭگو ساغلاملىق قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش؛...

  شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، تەرەققىياتتىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش ئىدىيەسى ئادەمنىڭ تەرەققىياتىغا ئەھمىيەت بېرىش مەزمۇنلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  دىڭ يۈەنجۇ مۇنداق دېدى: بىر دۆلەتنىڭ نوپۇس كۆلىمى، قۇرۇلمىسى ئىقتىسادىي تەرەققىيات بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، ئىككى پەرزەنتلىك بولۇشنى ئومۇميۈزلۈك قويۇۋېتىشتە ئىقتىسادنىڭ تېخىمۇ ئۇزاق مەزگىللىك تەرەققىياتى كۆزدە تۇتۇلىدۇ ھەم پۇقرالارنىڭ بەخت كۆرسەتكۈچىنىڭ ئېشىشى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. يۆلەش جەھەتتىن قارىغاندا، ھازىر دۆلىتىمىزنىڭ يېزىلىرىدا يەنە 70 مىليون 170 مىڭ نامرات ئاھالە بار، بۇ كىشىلەرنى تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن بەھرىمەن قىلىش تەرەققىياتنىڭ مۇھىم مەزمۇنى.

  ‹‹13 – بەش يىل›› مەزگىلىگە نەزەر سالساق، دۆلىتىمىزنىڭ خەلق تۇرمۇشى كاپالىتى رامكىسى يەنىمۇ مۇكەممەللىشىش ئاساسىدا، قاپلىنىش دائىرىسى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىلىپ، كاپالەت سەۋىيەسى ۋە مەبلەغ ئىشلىتىش ئۈنۈمى يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ، ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىشتا ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتى ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.

  پىلان تۈزۈلۈپ، بۇرغا چېلىندى. ئومۇمىي يىغىندا چىقىرىلغان مۇھىم ئورۇنلاشتۇرمىلاردا، مەملىكەت خەلقىنى ئۆز قەرەلىدە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇشقا جەزمەن يېتەكلەپ، يۈز يىللىق كۈرەش نىشانىغا يېتىش، ھەممە بىر نىيەتتە جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ھەممە بىر نىيەتتە بولۇپ، جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىشى كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر