باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

شى جىنپىڭ مانىلاغا يېتىپ باردى، APEC نىڭ 23- قېتىملىق رەھبەرلەر بىرەسمىي يىغىنىغا قاتنىشىدۇ

2015.11.18 11:25         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 17 -نويابىر فىلىپپىن پايتەختى مانىلاغا يېتىپ باردى، ئۇ پات يېقىندا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايۇنى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەھبەرلىرىنىڭ 23- قېتىملىق باشلىقلار بىرەسمىي يىغىنىغا قاتنىشىدۇ. شۇ يەر ۋاقتى چۈش سائەت 12 ئەتراپىدا، شى جىنپىڭ ئولتۇرغان مەخسۇس ئايروپىلان مانىلا نىنو كراسون خەلقئارا ئايرودرومىغا يېتىپ كەلدى. فىلىپپىننىڭ مالىيە مىنىستىرى قاتارلىق ھۆكۈمەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى ئايرودرومغا چىقىپ كۈتۈۋالدى. بۇ قېتىمقى ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايۇنى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەھبەرلىرى بىرەسمىي يىغىنىنىڭ تېمىسى «سىغدۇرۇشچان ئىقتىساد بەرپا قىلىپ، تېخىمۇ گۈزەل دۇنيا قۇرۇش». يىغىنغا قاتناشقان ھەر قايسى ئەزا دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى رايون ئىقتىسادىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش، ئوتتۇرا كىچىك كارخانىلار، ئادەم كۈچى بايلىقىنى ئېچىش، ئىمكانىيەتلىك سىجىل ئېشىش قاتارلىق تېمىلاردا مۇھاكىمە ئېلىپ بارىدۇ. يىغىندا شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلىدۇ. يىغىن مەزگىلىدە، شى جىنپىڭ يەنە ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايۇنى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ سودا سانائەت باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىدۇ ھەم ئاساسىي مەقسەت سۆزى قىلىدۇ، يىغىنغا قاتناشقان رەھەرلەر ۋە سودا سانائەت مەسلىھەت بېرىش كېڭىشى ۋەكىللىرى سۆزلىشىشىگە قاتنىشىدۇ.

  شى جىنپىڭ 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرىنىڭ 10 -قېتىملىق باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىپ بولغاندىن كېيىن مانىلاغا يېتىپ باردى. شۇ يەر ۋاقتى 16 -نويابىر كەچتە، شى جىنپىڭ تۈركىيەنىڭ ئانتالىيەدىن ئايرىلدى. تۈركىيەنىڭ ئىقتىساد مىنىستىرى نىھات زەيبەكچى قاتارلىق ھۆكۈمەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى ئايرودۇرۇمغا چىقىپ ئۇزۇتۇپ قويدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر