باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

مەۋقەنى ھازىرغا قويۇپ، تەرەققىياتنى كۆزلەپ، پۇختا ئىشلەپ، ھاللىق جەمئىيەتكە يۈرۈش قىلايلى

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىر ۋە ئامما ج ك پ 18–نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى5–ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى قىزغىن بەس–مۇنازىرە قىلىشماقتا

2015.11.19 13:47         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 5 – ئومۇمىي يىغىنىدا، 2020 – يىلىغا بارغاندا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش نىشانى كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ قەلبىدە ئالغا ئىنتىلىدىغان ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ پەيدا قىلدى، ئۇلارنىڭ بەزىلىرىدە دەسلەپكى تەپەسەۋۋۇر يولى شەكىللەندى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىر ۋە ئامما بەس – بەستە: بەش يىللىق ھەل قىلغۇچ ئىسلاھاتتا، مەۋقەنى ھازىرغا قويغاندىلا، ئاندىن ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىگەن ھالدا كەلگۈسى تەرەققىياتنى پىلانلىغىلى، پۇختا ئىشلىگەندىلا، ئاندىن ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئۇلۇغۋار پىلانىنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ، دىيىشتى.

  ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە يېتەكچىلىك قىلىش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى جاڭ چۈنلىن مۇنداق دېدى: شىنجاڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، نىشان ئارقىلىق يېتەكلەش بىلەن مەسىلىنى ھەل قىلىش يۆنىلىشىنىڭ بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇشى، بىر تەرەپتىن، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئورۇندالمىغان ۋەزىپىلەرنى ئېنىقلاپ، قەرەلى توشۇشتىن بۇرۇن تولۇق تاماملاش؛ يەنە بىر تەرەپتىن، ئىجتىمائىي مۇقىملىق، رايون تەرەققىياتى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، كادىرلار ئىستىلى قاتارلىق جىددىي ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى ئوڭۇشلۇق ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش خىزمەتلىرىنى چىڭ تۇتۇپ، يېتەرسىزلىكلەرنى تىرىشىپ تۈگىتىش كېرەك. مۇشۇنداق قىلغاندىلا، ئاندىن شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان نىشان – ۋەزىپىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بىرلىكسەپ بۆلۈمى دىنىي ئىشلار 1 – باشقارمىسىنىڭ باشلىقى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ كەلپىن ناھىيەسى يۈرچى يېزىسىنىڭ ئالما كەنتىگە چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى دىلمۇرات قاسىم مۇنداق دېدى: ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا، ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، ئىشەنچنى ئاشۇرۇش نۆۋەتتىكى ئەڭ مۇھىم ۋەزىپە ھېساپلىنىدۇ. ھازىر 5 – ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئاممىغا ئاددى، ئاممىباپ سۆزلەپ، ئاممىغا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ياخشى سىياسەتلىرىنى ياخشى تەشۋىق قىلىۋاتىمەن.

  قەشقەر تاموژنىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، تاموژنا باشلىقى لى شىرۈي مۇنداق دېدى: شىنجاڭدا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمىتى مۇھىم نۇقتا، 13 – بەش يىللىق يىرىك پىلان مەزگىلىدە، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ھەقىقىي ئىلگىرى سۈرۈپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ توقۇمىچىلىق، كىيىم – كېچەك، ئۆزگىچە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىسى، ‹‹جەنۇبىي شىنجاڭ زاپاس كۆمۈر بازىسى›› قاتارلىق مۇھىم تۈر قۇرۇلۇشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللاپ، جەنۇبىي شىنجاڭدا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشقا كۈچ چىقىرىمىز.

  ئۈرۈمچى ئىقتىساد – تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى) دۆلەت باج ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى خەن ۋېنلېي مۇنداق دېدى: ھاللىق جەمئىيەت سۈپەتلىك مۇلازىمەت قىلىشتىن ئايرىلالمايدۇ، 13 – بەش يىللىق يېرىك پىلان مەزگىلىدە، <باج ئالغۇچى بىلەن باج تاپشۇرغۇچىنىڭ قانۇنىي ئورنى باراۋەر بولۇش، باج تاپشۇرغۇچىنىڭ يوللۇق تەلىپىنى قاندۇرۇش>تەك مۇلازىمەت ئېڭىنى داۋاملىق چىڭ تۇرغۇزۇپ، كەسىپ تەرتىپىنى سەرخىللاشتۇرۇپ، باج تاپشۇرغۇچىلارغا تېخىمۇ سۈپەتلىك مۇلازىمەت قىلىمىز.

  ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ خوتەن ناھىيەسى تەۋەككۈل يېزىسىنىڭ باقىدۆڭ كەنتىگە چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ كادىرى ئىمىنجان مەمەت مۇنداق دېدى: 5 – ئومۇمىي يىغىندا 13 – بەش يىللىق يىرىك پىلان مەزگىلى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ھەل قىلغۇچ جەڭ باسقۇچى ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ بىز ئۈچۈن ھەم مەدەت ھەم تۈرتكە. يېقىندا بىز كەنتتىكى پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلار بىلەن بىرلىكتە 5 – ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگەندۇق ھەم دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى قانداق ئاشۇرۇشنى تەپسىلى مۇزاكىرە قىلدۇق، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشىش توغرىسىدا دەسلەپكى تەسەۋۋۇرىمىز شەكىللەندى.

  يېقىندا، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىگە بىۋاسىتە قاراشلىق پارتىيە خىزمىتى كومىتېتى پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلار يىغىنى ئېچىپ، ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئەستايىدىل ئۆگەندى ۋە ئىزچىللاشتۇردى. كۆپچىلىك بىردەك مۇنداق دېدى: 5 – ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، خىزمەتلەرنى ئىسلاھات روھى، ئىسلاھات تەسەۋۋۇرى، ئىسلاھات تەدبىرى بىلەن ئەستايىدىل پىلانلاپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىمىز.

  تۇرپان شەھەرلىك دۆلەت باج ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى شيې گۇاڭلىدا 5 – ئومۇمىي يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان زامانىۋى مالىيە تۈزۈمى، باج تۈزۈمى بەرپا قىلىش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى بايانلار ئەڭ چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى. ئۇ مۇنداق دېدى: باج كادىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، باج ئېلىش يېڭى نورمال ھالىتىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ماسلىشىپ، باج ئېلىش خىزمىتىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشتىكى كۈچەش نۇقتىسىنى توغرا تېپىپ، كىچىك، مىكرو كارخانىلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، يېزا ئىگىلىكىگە مەدەت بېرىپ دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش، ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەش قاتارلىق ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، پۈتۈن كۈچۈم بىلەن تىرىشىمەن.

  ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى يۈ خۈيتاڭ مۇنداق دېدى: ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش قانۇن ئىدارە قىلىش كاپالىتىدىن ئايرىلالمايدۇ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك سوت مەھكىمىلىرى سوتلاش سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، سوتلاش خىزمىتىنىڭ ئېھتىياجىغا تېخىمۇ ياخشى ئۇيغۇنلىشىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشقا قانۇن جەھەتتە كاپالەتلىك قىلىدۇ.ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلارنى يۆلەش – ئېچىش ئىشخانىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىر شۈ مىڭ مۇنداق دېدى: نامراتلارنى يۆلەش، روناق تاپقۇزۇش بويىچە ئۆتكەلگە ھوجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىش – ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ھازىر شىنجاڭدىكى نامرات رايونلار ۋە نامرات ئاممىغا غەمخورلۇق قىلىشنى كونكرېت ھەرىكىتىمىزگە ئايلاندۇرۇپ، ئۆز فۇنكسىيەيىمىز ۋە مەسئۇلىيىتىمىز دائىرىسىدىكى سىياسەتلەرنى راۋانلاشتۇرۇپ، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش تۈرلىرىنى يولغا قويغاندىلا، ئاندىن قېيىنچىلىقى بار ئاممىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ۋە تەرەققىياتتىكى مەسىلىلەرنى ھەقىقىي ھەل قىلالايمىز.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر