باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

يۈ جېڭشېڭ مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش قوش ھەپتىلىك كېڭىشىش سۆھبەت يىغىنىنى ئاچتى

2015.11.20 15:34         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش تۈنۈگۈن بېيجىڭدا قوش ھەپتىلىك كېڭىشىش سۆھبەت يىغىنىنى ئېچىپ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلىش ۋە قوغداشنى چۆرىدەپ، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش، ئەقىل-چارە كۆرسىتىش ئىشلىرىنى كېڭەشتى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشېڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى. مۇئاۋىن مەدەنىيەت مىنىستىرى شياڭ جاۋلۈن ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى. مۇئاۋىن مائارىپ مىنىستىرى ليۇ لىمىن، مۇئاۋىن مالىيە مىنىستىرى يۈ ۋېيپىڭ، تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقىنىڭ باش ئىقتىسادشۇناسى جاۋ خۇي يىغىنغا قاتناشتى ھەم ئەزالار بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلىش ۋە قوغداش مەسىلىسىگە ناھايىتى كۆڭۈل بۆلدى، بىر قىسىم سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى تەكلىپ قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق پىكىر-تەكلىپ بەردى. يىغىندىن بۇرۇن، جۇڭگو دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ھۆججەت تارىخى ۋە ئۆگىنىش كومىتېتى مەخسۇس تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر