- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
بان كېمون بوسىنىيە گېرتسېگوۋىنانىڭ تىنچلىق ۋە سىياسىي مۇقىملىق جەھەتتە قولغا كەلتۈرگەن ئىلگىرىلىشىنى ماختىدى
2015.11.23 13:52 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
بۇ يىل دايتۇن تىنچلىق كېلىشىمى ئىمزالانغانلىقىنىڭ 20 يىللىقى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بان كېمون 21- نويابىر باياناتچىسى ئارقىلىق بايانات ئېلان قىلىپ، بوسىنىيە گېرتسېگوۋىنانىڭ تىنچلىق ۋە سىياسىي مۇقىملىق جەھەتتە قولغا كەلتۈرگەن ئىلگىرىلىشىنى ماختىدى.
باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: بان كېمون بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بوسىنىيە گېرتسېگوۋىنا خەلقى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ كۆپ مىللەتلىك جەمئىيەت بەرپا قىلىش، تىنچ ۋە گۈللەنگەن كەلگۈسىنى يارىتىشىنى داۋاملىق قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
1995- يىلى ھەر قايسى تەرەپلەر ئىمزالىغان ئىچكى ئۇرۇشقا خاتىمە بېرىش توغرىسىدىكى دايتۇن تىنچلىق كېلىشىمىگە ئاساسەن، بوسىنىيە گېرتسېگوۋىنا مۇسۇلمانلار ۋە كورۋاتلار فېدېراتسىيە بىلەن سېرىپ جۇمھۇرىيىتىدىن ئىبارەت ئىككى ئەمەلى گەۋدىدىن تەشكىللەنگەن.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر