- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
لى كېچياڭ ئېلىمىز پۇقراسىنىڭ تېرروچى تەشكىلات تەرىپىدىن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن سۆز قىلدى
2015.11.20 09:22 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ ئېلىمىز پۇقراسىنىڭ تېرروچى تەشكىلات تەرىپىدىن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى ئەسەبىي تەشكىلاتىنىڭ جۇڭگولۇق پۇقرانى ئۆلتۈرۈشتەك زوراۋانلىق قىلمىشىنى كۈچلۈك ئەيىبلەيدۇ. مەن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىىنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىدىن سەمىمىي ھال سورايمەن. ئالاقىدار تارماقلار ئۇنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىنىڭ ئاخىرەتلىك خىزمەتلىرىنى ئوبدان ئىشلىشىگە ياردەم بېرىدۇ.
لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو ھۆكۈمىتى چەتئەللەردىكى جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، جۇڭگو پۇقرالىرى ۋە ئاپپاراتلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش خىزمىتىنى ئاۋالقىدەكلا كۈچەيتىدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر