باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج خ مىنىستىرلىقى: جايلارنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش خىزمىتىنى ئۆز خىزمىتىنىڭ ئومۇمىيىتىگە كىرگۈزۈپ ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

2015.11.23 13:17         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج خ مىنىستىرلىقى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، دۆلەت ئىشلىرى كومىسسارى، ج خ مىنستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى، ج خ مىنستىرلىقى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى گو شىڭكۈن 21-نويابىر ج خ مىنستىرلىقىنىڭ پارتكوم يىغىنى ۋە ج خ مىنستىرلىقى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ 17-قېتىملىق (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ، دۆلەت تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى تاپشۇرغان تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولۇش تۈزۈمى توغرىسىدىكى پىكىرنى مۇزاكىرىلەشكەن، نوپۇسسىز كىشىلەرنىڭ نوپۇسىنى تىزىملاش مەسىلىسىنى ھەقىقىي بىر تەرەپ قىلىش توغرىسىدىكى پىكىرگە قاراپ چىققان.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچىدىكى كەسكىن، مۇرەككەپ بولغان تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋەزىيىتىگە قارىتا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ قارار، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇش، باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋە يولداش مېڭ جيەنجۇ قاتارلىق مەركەز رەھبەرلىرىنىڭ مۇھىم كۆرسەتمىلىرىنىڭ روھى بويىچە پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت رەھبەرلىك قىلىدىغان، تارماقلار تەقسىملەپ مەسئۇل بولىدىغان، جەمئىيەت ماس قاتنىشىدىغان تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش خىزمىتى ئەندىزىسىنى پائال شەكىللەندۈرۈش، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش خىزمىتىنىڭ تەدبىرلىرىنى پۇختا، ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. جايلارنىڭ پارتكوم، ھۆكۈمەتلىرىنى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش خىزمىتىنى ئۆز خىزمىتىنىڭ ئومۇمىيىتىگە كىرگۈزۈپ پىلانلاپ، ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش خىزمىتىدە ئۇچرىغان قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلەرنى پائال بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. تارماقلار ئارىسىدىكى ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، ۋەزىپىسىنى ئەستايىدىل ئىجرا قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىرىكمە كۈچ ھاسىل قىلىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشنىڭ مۇستەھكەم قورغىنىنى قۇرۇش كېرەك. تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش تەدبىرى ۋە مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ ھەيدەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرمىگەنلىرىنى تۈزىتىشكە بۇيرۇشى ۋە ئىنتىزام، قانۇن بويىچە جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشى كېرەك. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر