باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

27- نۆۋەتلىك شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى يىغىنى مالايسىيادا ئېچىلدى

2015.11.23 13:54         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  27- نۆۋەتلىك شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر رەھبەرلىرىنىڭ يىغىنى 21- نويابىر مالايسىيانىڭ پايتەختى كۇئالالومپۇردا ئېچىلدى. باشلىقلار يىغىنىدا شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئورتاق گەۋدىسىنى يىل ئاخىرلىرى قۇرۇش ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ كەلگۈسى ئون يىللىق تەرەققىيات يۆنىلىشى قاتارلىق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.

  شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسى دۆلىتى مالايسىيانىڭ زۇڭلىسى نەجىپ ئىچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنى، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئۈچۈن ئىلىپ ئېيتقاندا تارىخى خاراكتېرلىك ئىش، يىغىندا، بۇ يىل 12-ئاينىڭ 31- كۈنى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيە ئەللىرى ئىتتىپاقى ئورتاق گەۋدىسىنىڭ قۇرۇلغانلىقى رەسمىي جاكارلىنىدۇ. شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئورتاق گەۋدىسى، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى بىخەتەرلىك ئورتاق گەۋدىسى، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئىقتىسادى گەۋدىسى ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئىجتىمائىي مەدەنىيەت ئورتاق گەۋدىسىدىن ئىبارەت ئۇچ چوڭ تۈۋرۈك ئاساسىغا ئورنىتىلىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر