باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

كېلەر يىلىدىن باشلاپ شىنجاڭدىكى ھۆكۈمەت خادىملىرى توردا قانۇن ئۆگۈنۈپ ئىمتىھان بېرىدۇ

2015.11.23 13:44         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-نويابر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:قانۇن ئىدارە قىلىش تەشۋىقاتىمۇ« ئالاقە تورى +»دەك جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ چوڭ مۇھىتىغا ماسلىشىش كېرەك. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېڭىلىق يارىتىش قانۇن ساۋاتلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتى، شىنجاڭدىكى ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ قانۇن ئۆگىنىش ۋە ئىمتىھان بېرىشمۇ توردا ئېلىپ بېرىلىدۇ.

  ئاپتونوم رايونىمىز ئاپتونوم رايون بويىچە تورىدا قانۇن ئۆگىنىش، قانۇننى ئىشلىتىش ۋە قەغەزسىز ئىمتىھان ئېلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشنى قارار قىلدى. تەلەپكە بىنائەن، 2016 - يىلىدىن باشلاپ، شىنجاڭ بويىچە ھۆكۈمەت خادىملىرى قانۇن ئۆگىنىش ۋە ئىمتىھان بېرىش توردا ئېلىپ بېرىلىدۇ، قەغەزلىك ئۇسۇلنى قايتا ئشلەتمەيدۇ. ئاپتونوم رايون 2016-يىلى«4-دېكابىر دۆلەت ئاساسىي قانۇن كۈنى» مەزگىلىدە شىنجاڭ بويىچە ھۆكۈمەت خادىملىرى قانۇن بىلىملىرى ئىمتىھانىنى قانات يايدۇرىدۇ، ئىمتىھان نەتىجىسى مۇۋاپىق ئۇسۇل بىلەن ئاشكارىلىنىدۇ، ھەمدە رەھبىرىي كادىرلارنى تەيىنلەش، ئۆستۈرۈش ۋە مۇكاپاتلاشتا پايدىلىنىش ئاساسى قىلىنىدۇ. نۆۋەتتە ھەرقايسى جايلار، ئورۇنلاردىكى ئۆگىنىشكە قاتنىشىدىغان خادىملىرىنىڭ قانۇن ئۆگىنىش خىزمىتىنى ۋاقتىدا قانات يايدۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، جايلاردىكى قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش، قانۇن بويىچە تۈزەش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى تەلەپ بويىچە ئۆز ئورنىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، تورىدا قانۇن ئۆگىنىش، قانۇننى ئىشلىتىش ۋە قەغەزسىز ئىمتىھان ئېلىش خىزمىتىنىڭ يولغا قويۇش چارىسىنى تۈزۈپ قانات يايدۇرماقتا. تېخنىكىلىق تەربىيەلەش ۋە ماسلىشىش شۇنداقلا ئالاقىلىشىش خىزمىتىنىمۇ قاتلاممۇ-قاتلام ئېلىپ بارماقتا.(مەلىكەم تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر