باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەملىكەت بويىچە تېز پويىزلار سانى يېرىمدىن ئاشۇرۇلىدۇ

2015.11.20 15:37         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى (ئالىم راخمان تەرجىمىسى) تۈنۈگۈن جۇڭگو تۆمۈر يول باش شىركىتىدىن ئىگىلىنىشىچە، 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن باشلاپ، مەملىكەت بويىچە تۆمۈر يوللاردا پويىزلارنىڭ يېڭى يۈرۈش سىخىمىسى يولغا قويۇلىدۇ، 285.5جۈپ يولۇچىلار پويىزى يېڭىدىن كۆپەيتىلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە يېڭىدىن 281.5جۈپ تېز پويىز (دىۋىگاتېللىق پويىز) كۆپەيتىلىدۇ. يۈرۈش سىخىمىسى تەڭشەلگەندىن كېيىن، مەملىكەت بويىچە تۆمۈر يوللاردا تەسىس قىلىنغان يولۇچىلار پويىزى ئومۇمىي سانى 3142جۈپ بولۇپ، تېز پويىزلار سانى يېرىمدىن ئېشىپ، 1980.5جۈپكە يېتىدۇ.

  يۈك پويىزلىرى جەھەتتە، ھەرخىل تۈردىكى 193مال توشۇش نۆۋەتچى پويىزلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ھازىرقىدىن 28نۆۋەتچى پويىز كۆپەيتىلگەن. بۇنىڭ ئىچىدە دۆلەتنىڭ «بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇشىغا مۇلازىمەت قىلىش ئۈچۈن، 26جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ئورۇنلاشتۇرۇلدى، جۇڭگو-ئاسىيا نۆۋەتچى پويىزى ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، ھازىرقىدىن ئايرىم ھالدا 5ۋە 2قېتىملىق پويىز كۆپەيتىلگەن؛ تۆمۈر يول ئىدارىلىرىدىن ھالقىيدىغان 17تېز توشۇش مال پويىزى ئورۇنلاشتۇرۇلغان؛ يۈك ساندۇقىنى تېز قاچىلايدىغان 26لېنىيە، تۆمۈر يول-سۇ يولى بىرلەشكەن 35يۈك ساندۇقى لېنىيەسى ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ھازىرقىدىن ئايرىم ھالدا 21ۋە 5لېنىيە كۆپەيتىلگەن.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر