باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى جەلپ قىلغان چەتئەل سودىگەرلىرىنىڭ بىۋاسىتە سالغان مەبلىغى ئۇدا ئۇچ يىل ئاشتى

2015.11.23 13:52         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى يېقىندا ئېلان قىلغان يىللىق مەبلەغ سېلىش دوكلاتىدىن ئايان بولۇشىچە: 2014- يىلى، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى جەلپ قىلغان چەتئەل سودىگەرلىرى بىۋاسىتە سالغان مەبلىغىنىڭ ئومۇمىي سانى ئۇدا ئۇچ يىل ئېشىپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت ۋە رايونلاردا چەتئەل سودىگەرلىرى بىۋاسىتە مەبلەغ سالىدىغان ئەڭ چوڭ نىشانغا ئايلانغان.

  27- نۆۋەتلىك شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى يىغىنى بىلەن بىر قاتار يىغىن مەزگىلىدە، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ مەبلەغ سېلىش دوكلاتى 2015، ئۇل ئەسلىھەگە مەبلەغ سېلىش ۋە ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش دېگەن تېمىدا دوكلات ئېلان قىلدى. دوكلاتىدا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: 2014- يىلى، پۈتكۈل يەر شارىدا چەتئەل سودىگەرلىرى بىۋاسىتە سالغان مەبلەغ مىقدارى %16 تۆۋەنلىگەن ئارقا كۆرۈنۈشتە، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا كىرگەن مەبلەغ سوممىسى 2013- يىلدىكى117 مىليارد 700 مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىپ 136 مىليارد 200 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتتى.

  دوكلاتىدا مۇنداق دېيىلدى: 2014- يىلى، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ چەتئەل سودىگەرلىرى بىۋاسىتە سالغان مەبلىغىنىڭ كېلىشى مەنبەيى 2013- يىلدىكى بىلەن ئاساسى جەھەتتىن ئوخشاش بولۇپ، ئۇچتىن ئىككى قىسمى ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر، ياپونىيە، ئامېرىكا ۋە جۇڭگونىڭ شياڭگاڭ رايونىدىن كەلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر