- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
غەربىي رايون نۇرى زىيارەت قىلىپ ئۆگەنگۈچىلەرنى تەربىيەلەش خىزمىتىدە زور نەتىجە قولغا كەلتۈرۈلدى
2015.11.20 15:34
مەركەزنىڭ غەربىي رايوننى كەڭ كۆلەمدە ئېچىش ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، غەربىي رايوننىڭ كەسپىي تېخنىكا ئىقتىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ئۈچۈن، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى، مائارىپ مىنىستىرلىقى، پەن-تېخنىكا مىنىستىرلىقى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى 12 يىل بۇرۇن غەربىي رايون نۇرى زىيارەت قىلىپ ئۆگەنگۈچىلەرنى تەربىيەلەش خىزمىتىنى بىرلىكتە يولغا قويغان ئىدى. 12 يىلدىن بۇيان، بۇ تۈردە 2934 زىيارەت قىلىپ ئۆگەنگۈچىنى شەرقىي رايوندىكى نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپلەر، پەنلەر ئاكادېمىيەلىرى، كارخانىلارغا بېرىپ بىلەن ئاشۇرۇشىغا مەدەت بېرىلدى، مەركەز ۋە يەرلىك مالىيەلەر جەمئىي 117 مىليون 300 مىڭ يۈەن يۈەن ئاجرىتىپ، غەربىي رايوندىكى ئەۋزەل كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاشقا جىددىي ئېھتىياجلىق ئىختىساسلىقلارنى ئالدىن تەربىيەلىدى. تۈركۈملىگەن ياش يېڭىلىق يارىتىشچان پەن-تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرى غەربىي رايون نۇرى زىيارەت قىلىپ ئۆگەنگۈچىلەرنى تەربىيەلەش تۈرى جەريانىدا پىشىپ يېتىلدى. بۇلارنىڭ نۇرغۇنى نۇقتىلىق پەن تەتقىقات تۈرلىرىنىڭ يېتەكچىلىرىگە ئايلىنىپ، نەچچە مىڭ ياش ئىختىساسلىق ۋە بىر تۈركۈم پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئۆمىكىنى يېتىشتۈرۈپ، غەربىي رايون نۇرى زىيارەت قىلىپ ئۆگەنگۈچىلەرنى تەربىيەلەش تۈرىدە تېخىمۇ چوڭ ئۈنۈم ياراتتى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر