باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 23-قېتىملىق رەھبەرلەر بىرەسمىي يىغىنىغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى

ھازىرقى ۋەزىيەتنى ئاساس قىلىپ، كەلگۈسىگە يۈزلىنىپ، ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ ئېلىپ، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ گۈللىنىشىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرەيلى

2015.11.20 13:46        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 23-قېتىملىق رەھبەرلەر بىرەسمىي يىغىنى 19-نويابىر فىلىپپىن پايتەختى مانىلادا ئۆتكۈزۈلدى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم «ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ گۈللىنىشىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرەيلى» دېگەن تېمىدا مۇھىم سۆز قىلدى.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 23-قېتىملىق رەھبەرلەر بىرەسمىي يىغىنى 19-نويابىر فىلىپپىن پايتەختى مانىلادا ئۆتكۈزۈلدى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم «ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ گۈللىنىشىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرەيلى» دېگەن تېمىدا مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونى دۇنيا ئىقتىسادىنى سۆرەۋاتقان پاراۋۇز، بىز ھازىرقى ۋەزىيەتنى ئاساس قىلىپ، كەلگۈسىگە يۈزلىنىپ، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىن ئىبارەت بۇ مۇھىم سۇپىدىن پايدىلىنىپ، ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ ئېلىپ، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىنى دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ داۋاملىق ئېشىشىنىڭ يېتەكچىسىگە ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك.

  يىغىن ئېچىلىشتىن بۇرۇن، فىلىپپىن زۇڭتۇڭى ئاكىنو يىغىنغا قاتناشقىلى كەلگەن شى جىنپىڭ ۋە باشقا دۆلەت رەھبەرلىرىنى يىغىن زالىدا كۈتۈۋالدى.

  شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە يىغىن باشلاندى. ئاكىنو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. «ئىقتىسادىي جەھەتتە كەڭ قورساق بولۇپ، تېخىمۇ گۈزەل دۇنيا قۇرۇش» بۇ قېتىمقى ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەھبەرلىرى بىرەسمىي يىغىنىنىڭ ئاساسىي تېمىسى. يىغىنغا قاتناشقان ھەر قايسى ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ رەھبەرلىرى «ئىقتىسادىي بىرلىشىشنى كۈچەيتىپ، سىغدۇرۇشچان ئېشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش» قاتارلىق تېمىلارنى چۆرىدەپ قىزغىن مۇھاكىمە قىلدى.شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: بۇلتۇر نويابىردا بىز بېيجىڭدا جەم بولۇپ، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ تەرەققىيات لايىھەسىنى ئورتاق تۈزگەنىدۇق. بىر يىل ئۆتكەندىن كېيىن، بىز يەنە جەم بولدۇق. بىزنىڭ نىشانىمىز يەنىلا ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونى ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتۇر. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

  ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 23-قېتىملىق رەھبەرلەر بىرەسمىي يىغىنى 19-نويابىر فىلىپپىن پايتەختى مانىلادا ئۆتكۈزۈلدى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم «ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ گۈللىنىشىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرەيلى» دېگەن تېمىدا مۇھىم سۆز قىلدى. يىغىن باشلىنىشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ رەھبەرلىرى ۋە ۋەكىللىرى بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر