باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر>>شى جىنپىڭ

چەتئەل جامائەتچىلىكى شى جىنپىڭنىڭ APEC سودا سانائەت رەھبەرلىرى يىغىنىدا قىلغان نۇتقىغا قىزغىن ئىنكاس بىلدۈردى

2015.11.20 15:12         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 18-نويابىر ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر سودا-سانائەت رەھبەرلىرى يىغىنىدا «ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ باشلامچىلىق رولىنى جارىي قىلدۇرۇپ، دۇنيا ئىقتىسادى خىرىسىغا تاقابىل تۇرايلى» دېگەن تېمىدا باش مەقسەتتە نۇتۇق سۆزلىدى، بۇ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۈچلۈك ئىنكاسىنى قوزغىدى.

  ياپونىيە ياپونىيە-جۇڭگو مۇناسىۋىتى تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى لىڭ شىڭگۇاڭ مۇنداق دەپ قارىدى: رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان تۆت تەشەببۇستا جۇڭگونىڭ دۇنيا ئىقتىسادىنى ياخشى ئايلاندۇرۇش مېخانىزمى ئورنىتىش جەھەتتىكى باشلامچىلىق ۋە تۈرتكىلىك رولى نامايەن قىلىندى. ئېچىۋېتىشقا تۈرتكە بولۇش، سودىنىڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىقتىسادنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش، سىياسەت ۋە ئادەملەرنىڭ يۆتكىلىشى قاتارلىق ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش مەزكۇر رايوننىڭ تەرەققىياتىغا پايدىلىق، شۇنداقلا بۇ دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ يۈكسىلىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.

  فىلىپپىننىڭ مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى جيۇمال بىنەي رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان بىر قاتار تەكلىپ ۋە تەدبىرلەرنى قۇۋۋەتلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: فىلىپپىن ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە مەبلەغ سېلىش بانكىسىنى قۇرۇش مۇساپىسىغا قاتناشتى، فىللىپپىن بۇ بانكىنىڭ قۇرۇلۇشىدىن نەپ ئالىدۇ. مەن جۇڭگونىڭ فىلىپپىننىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى قاتارلىق تەرەپلىرىگە مەبلەغ سېلىشنى كۆپەيتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  ھىندۇنېزىيە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى جەنۇبىي ئوكيان فوندى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى بەنباڭ سۇرنويو مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭ نۇتقىدا ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە مەبلەغ سېلىش بانكىسى يىل ئاخىرىغىچە رەسمىي قۇرۇلۇپ، بىر تۈركۈم چوڭ تۈرلەرنى مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش جەھەتتە قوللايدۇ، دېدى، بۇ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرگە ئىشەنچ ۋە ئۈمىد ئاتا قىلىدۇ.

  پىرۇ «شەرق» ئايلىق ژۇرنىلىرىنىڭ مۇئاۋىن مەسئۇل مۇھەررىرى لوسىندو ئاكانت مۇنداق دەپ قارىدى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئىسلاھات ئارقىلىق يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ئېچىۋېتىشچان ئىقتىساد بەرپا قىلىشتا چىڭ تۇرۇش ھەققىدىكى سۆزلىرى لاتىن ئامېرىكىسى دۆلەتلىرىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدا مۇھىم رىئال ئەھمىيەتكە ئىگە. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ كەسىپنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ يېڭىلاشنى تېزلىتىش، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق مەھسۇلاتنى يېڭىلاشقا تۈرتكە بولۇش قاتارلىق تەكلىپلىرى لاتىن ئامېرىكىسى دۆلەتلىرىنى يېڭى تەرەققىيات ئويىغا ئىگە قىلدى. جۇڭگو رەھبەرلىرى بۇ يىل ئوتتۇرىغا قويغان جۇڭگو بىلەن لاتىن ئامېرىكىسى ئەللىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ھەمكارلىقىنى ۋە ئىككى تەرەپنىڭ پەن-تېخنىكا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش ھەققىدىكى تەكلىپى لاتىن ئامېرىكىسى دۆلەتلىرىنىڭ كەسىپنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ يېڭىلىشىغا پايدىلىق.

  رۇسىيە پەنلەر ئاكادىمىيەسى يىراق شەرق تەتقىقات ئورنىنىڭ ئالىي مۇتەخەسسىسى بىلگېر مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول تەشەببۇسى» دا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ھەمكارلىق ساھەلىرى ناھايىتى كەڭ بولۇپ، يىپەك يولى بويىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا پۇرسەت يارىتىپ بېرىدۇ، شۇڭا بۇ نۇرغۇن دۆلەتلەرنى جەلپ قىلدى. «بىر بەلباغ، بىر يول» ئۆزئىچىگە ئالىدىغان رايونلار ئاسىيا-تىنچ ئوكيان بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ، شۇڭا بۇ ئىستراتېگىيە ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىغا پايدا يەتكۈزۈپ قالماستىن، يەنە دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغىمۇ كۆپ پايدا يەتكۈزىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر