باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئىران ئاخبارات تارمىقى تېررورچى شايكىدىن ئىككىنى ۋەيران قىلدى

2015.11.23 13:51         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىران ئاخبارات مىنىستىرلىقى 22- نويابىر شەرقىي قىسىم بىلەن غەربىي شىمالىي قىسىم چېگرا رايونىدا تېررورچى شايكىدىن ئىككىنى ۋەيران قىلىپ، كۆپلىگەن پارتلىتىش بۇيۇمى قۇرال ياراق ۋە ئوق دورىلارنى قولغا چۈشۈردى.

  ئىران ئاخبارات مىنىستىرلىقنىڭ مەملىكەت ئىچىنىڭ بىخەتەرلىكىگە مەسئۇل مۇئاۋىن مىنىستىرى مۇنداق دېدى: ئاخبارات جەھەتتە بىر قاتار رازۋېدكا قىلىش ئارقىلىق، بۇ شايكىنىڭ 150 كىلو پارتلىتىش ئۈسكۈنىسىنى 10 پارتلىتىش بومبىسىنىڭ ئىچىگە قاچىلاپ، چېگرا رايوندا ۋەقە پەيدا قىلماقچى بولغانلىقىنى بايقىدى.

  بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقنىڭ بۇ ئەمەلدارى يەنە مۇنداق دېدى: رازۋېدكا قىلىش ئارقىلىق ئىراننىڭ غەربىدىكى ئەزەربەيجان ئۆلكىسىگە كىرىپ بۇزغۇنچىلىق قىلىش ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللانماقچى بولغان بىر تېررورچى تەشكىلات ۋەيران قېلىندى، تېررورچى ئۇنسۇرلارنىڭ قولىدا كۆپلىگەن قۇرال ياراق ۋە ئوق دورىلار بار ئىكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر