باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

قار-يامغۇر سەۋەبىدىن كونا ئۆي ئۆرۈلۈپ ئۈچ ئادەم قازا قىلدى

2015.11.23 11:49         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى : 21- نويابىر سەھەر سائەت 2 دە، يامغۇرلۇق ھاۋارايىنىڭ تەسىرىدە ئىلى ئوبلاستىنىڭ غۇلجا شەھىرى غالىبىيەت كوچىسى 21 - كوچىسىدىكى بىر ئېغىز شەخسىي ئۆي ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، بىر ئائىلىدىكى ئۈچ جان ئادەم خارابىلىك ئىچىگە كۆمۈلۈپ قېلىپ قازا قىلدى.

  ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن ، شۇ يەردىكى ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى ۋاقتىدا نەق مەيدانغا بېرىپ قۇتقۇزدى.

  ئىگىلىنىشىچە، بىر ئائىلىدىكى ئۈچ جان ئادەم خارابىلىك ئىچىگە كۆمۈلۈپ قالغان بۇلۇپ، بالىنىڭ دادىسى خەتەردىن ئامان قالغاندىن كېيىن، ئەمدىلا تۆت ياشقا كىرگەن ئوغلى ۋە بىر ياشلىق قىزىنى قۇتۇلدۇرۇپ چىققان، ئايالى يەنىلا خارابىلىككە قاپسىلىپ قالغان. ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى بىر سائەتكە يېقىن گۈرجەك ۋە قولى بىلەن كولاش ئارقىلىق ئايالنى قۇتقۇزۇپ چىققان. ئەمما ئوغلى، قىزى ۋە ئايالىنى دوختۈرخانىغا ئاپارغاندا ئاللىقاچان نەپەستىن توختاپ قالغان.

  ئىگىلىنىشىچە، ئۆينىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشۈشىنى يېقىندىن بۇيان غۇلجا شەھىرىدە ئۇدا قار ئارىلاش يامغۇر ياغقانلىقى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئۆي ئۇزۇن يىل رېمونت قىلىنمىغانلىقى كەلتۈرۈپ چىقارغان. (مەرھابا تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر