باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

يۈ جېڭشېڭ خۇنەندە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

نامراتلارنى يۆلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى تېزلەشتۈرۈش كېرەك

2015.11.19 18:09         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيورۇسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشېڭ يېقىندا خۇنەندە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش، ماسلىشىش، يېشىل، ئېچىۋېتىلگەن، ئورتاق بەھرلىنىدىغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى پۇختا تىكلەپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، نامراتلارنى يۆلەش، نامراتلارنى قۇتۇلدۇرۇشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ ئۆز ۋاقتىدا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.


  يۈ جېڭشېڭ 16-نويابىردىن 18-نويابىرغىچە خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ شياڭشى تۇجيازۇ، مياۋزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىغا بېرىپ، زاۋۇت، كارخانا، مىللىي يېزا، مەكتەپ، دوختۇرخانىلارغا ئىچكىرىلەپ كىرىپ، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ نامراتلارنى يۆلەش-ئېچىش توغرىسىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا، يۈ جېڭشېڭ يەنە شياڭشى ئوبلاستلىق سىياسىي كېڭەشنىڭ ئورگان كادىرلىرى بىلەن كۆرۈشتى.


  شياڭشى ئوبلاستى ئىنقىلابىي كونا رايون، ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونى، نامرات رايون بىر گەۋدىلەشكەن رايون بولۇپ، تەرەققىياتنى تېزلىتىش ۋەزىپىسى ئېغىر. يۈ جېڭشېڭ شياڭشى ئىقتىساد تەرەققىيات رايونى پىلانى كۆرگەزمە مەركىزىگە بېرىپ، تەرەققىيات رايونىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى ۋە قۇرۇش نەتىجىلىرىنىڭ تونۇشتۇرۇشىنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى. «جېباۋ» كۈندىلىك خىمىيەلىك بويۇملار چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى، خۇنەن «ئاۋشىن» يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى، خۇنەن «لاۋدې» يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا تەرەققىيات پاي چەكلىك شىركىتىدە كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت، تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە مەھسۇلاتلارنى تەتقىق قىلىش ئەھۋالى بىلەن تەپسىلىي تونۇشتى. يۈ جېڭشېڭ مۇنداق دېدى: ئاز سانلىق مىللەت رايونىنىڭ تەرەققىياتى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئومۇمىيىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. تەرەققىيات سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشنى مەركەز قىلىپ، تىرىشىپ تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك، ئۈنۈملۈك، ئادىل، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇش تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ تىپنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىنى ئۆستۈرۈشىنى قوللاپ، يېڭى تېخنىكا، كەسىپ، ھالەتلەرنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. يېشىل تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداپ، كېيىنكى ئەۋلادلار ئۈچۈن گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلىش كېرەك. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)


  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر