باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەن دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى

2015.11.20 08:22         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 18-نويابىر گوۋۇيۈەن دائىمىي يىغىنى ئېچىلىپ، جامائەت مۇلازىمىتى تەدبىرلىرىنى ئۆزگەرتىش، ئورگانلارنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈپ ئاممىغا ئىزچىل قولايلىق يارىتىپ، ئىش بېجىرىشتە يېڭىلىق يارىتىش؛ كارخانىلارنىڭ تېخنىكا دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش-ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىشنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، سانائەتنى ئوتتۇرا، يۇقىرى دەرىجىگە يۈزلەندۈۈرشنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ شەھەر، يېزىلارنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى خىراجىتىگە كاپالەتلىك قىلىش مېخانىزمىنى بەلگىلەپ، مائارىپ ساھەسى جامائەت مۇلازىمىتىنى باراۋەرلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش بەلگىلەندى.


  يىغىندا، قىسمەن تارماقلار ۋە يەرلىكنىڭ جەمئىيەتنىڭ غەمخورلۇقىغا جاۋاب قايتۇرغانلىقى ۋە خەلققە قولايلىق يارىتىش تەدبىرلىرىنى يولغا قويغانلىقى مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈپ، داۋاملىق كۈچ سەرپ قىلىپ، يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرىشى تەلەپ قىلىندى. بىرىنچىدىن، رايونلار، تارماقلار ۋە ئالاقىدار ۋاسىتىچىلار، دۆلەت كارخانىلىرى، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ جامائەت مۇلازىمىتى مۇندەرىجىسى تىزىملىكىنى ئومۇميۈزلۈك راۋانلاشتۇرۇش ۋە ئاشكارىلاش ھەم جانلىق تەڭشەش كېرەك. ئىككىنچىدىن، ئىش بېجىرىش تەرتىپىنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، تارماقلار تەسىس قىلغان ئىش بېخىرىش كۆزنەكلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ ئۇنىۋېرسال كۆزنەككە ئايلاندۇرۇش يولىدا ئىزدىنىپ، «كۆپ خىللىق قوبۇل قىلىش» نى «بىر قېتىمدىلا قوبۇل قىلىش» قا ئۆزگەرتىش كېرەك. ئۈچىنچىدىن، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر، تارماقلار ۋە دۆلەت كارخانىلىرى، كەسپىي ئورۇنلار ئوتتۇرىسىدىكى جامائەت مۇلازىمىتى ئىشلىرىغا چېتىلىدىغان ئۇچۇرلاردىن ئۆزئارا تەڭ بەھىرلىنىش، سېلىشتۇرۇپ تۈزىىتش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، قانۇن ئىدارە قىلىدىغان ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، يىغىندا، تۇنجى تۈركۈمدە گوۋۇيۈەننىڭ 2001-يىلىدىن 2013-يىلىغىچە بولغان ھۆججەتلىرىنى رەتلەش ئاساسىدا، ھازىر يولغا قويۇلىۋاتقان قانۇن-نىزاملار بىلەن بىردەك بولمىغان، يېڭى بەلگىلىمىلەر تەرىپىدىن قالدۇرۇلغان ياكى ئالماشتۇرۇلغان، ۋاقتى ئۆتكەن 489 پارچە ھۆججەتنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقىنى جاكارلاش قارار قىلىندى. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)


  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر