باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

قورغان كەنتىدە مەھەللە پائالىيەت ئۆيى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى

2015.11.23 13:47         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئۇچتۇرپان ناھىيە ئىماملىرىم يېزىسى قورغان كەنتىدىكى 8 مەھەللە بەكلا تارقاق بولۇپ، بەزى مەھەللىلەر كەنت كومىتېتىدىن نەچچە كلومېتىر يىراقلىققا جايلاشقاچقا، كەنت كومىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن مەدەنىي پائالىيەت، يىغىنلارغا قاتنىشىش ئۈچۈن بىرمۇنچە يول يۈرۈشكە توغرا كېلەتتى. ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشتىن سىرتقى مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيىتىش، كەنت ياچېيكىسىنىڭ تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىنى مەھەللىلەرگە ۋاقتىدا يەتكۈزۈش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلىمىنىڭ قورغان كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ ماسلاشتۇرۇشى بىلەن قورغان كەنتىدىكى 7 مەھەللىدە پائاليەت ئۆيى ياسىلىپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. مەھەللە پائاليەت ئۆيى خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ كەنت ئاھالىلىرىگە ۋەدە بەرگەن تۈرلەرنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ تۈرنىڭ پۈتۈشى ئۈچۈن 1 مىليون 500 مىڭ يۇەنگە يېقىن مەبلەغ سېلىندى. خىزمەت گۇرۇپپىسى يەنە ھەربىر پائاليەت ئۆيىگە 20 مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى ئۈسكۈنىلەرنى سەپلەپ بەرگەندىن باشقا كەنت ئاھالىلىرىنىڭ پائاليەت ئېلىپ بېرىشى ئۈچۈن ھەربىر مەھەللىگە 10 مىڭ يۇەن پائاليەت خىراجىتى ئاجراتتى. بۇنىڭ بىلەن كەنت ئاھالىلىرىنىڭ پائاليەت سورۇنى بولماسلىق، پائاليەت خىراجىتى بولماسلىق مەسىلىلىرى ھەل قىلىنىپ، كەنت ئاھالىلىرىگە قولايلىق يارىتىلدى.

  شۇنىڭ بىلەن بىللە ھەر بىر پائاليەت ئۆيىگە بىردىن تاللا بازىرى قۇرۇلۇپ، كەنت ئاھالىلىرى نەرسە-كېرەك سېتىۋىلىش بىرمۇنچە يول يۈرۈپ يېزا بازىرىغا بېرىپ يۈرمەيدىغان بولدى. (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز مۇزەپپەر مۇنەۋۋەر خەۋىرى / فوتوسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر