باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

بېلگىيە مۇداپىئەلىنىش تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىپ، تېررورلۇق ھۇجۇمىنىڭ تەھدىتىگە تاقابىل تۇردى

2015.11.23 13:53         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بېلگىيەنىڭ باش ۋەزىرى مىچىر 21-نويابىر ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: بېلگىيە مەملىكەتلىك تەھدىتىنى تەھلىل قىلىشنى ماسلاشتۇرۇش ئورگىنى 20- نويابىر كېچىدە بىريۇسىلدا پايتەخت رايونىنىڭ بىخەتەرلىك ھۇشيارلىقىنىڭ دەرىجىسىنى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىگە كۆتۈردى. بۇنىڭدىن سەۋەب ، دائىرىلەر پارىژدىكى تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىشقا ئوخشاش تەھدىت توغرىسىدىكى ئاخباراتنى تاپشۇرۇپ ئالغان. بېلگىيە ھۆكۈمىتى شۇ كۈنى مۇداپىئەلىنىش تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىشنى قارار قىلدى.

  بېلگىيە ھۆكۈمىتى شۇ كۈنى بىخەتەرلىك يىغىنىنى ئىچىپ، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ كىرىزىسىنى بىر تەرەپ قىلىش مەخسۇس لىنىيەسىنى ئىچىش، ھەربىي ئىشلار ۋە ساقچى زاپاس كۈچىنى كۈچەيتىش، ئاممىۋى قاتناشلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى ساقلاش كۈچىنى كۈچەيتىش، چوڭ كۆلەملىك يىغىلىش پائالىيەتلىرىنى ئازايتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش توغرىسىدىكى تۆت تۈرلۈك يېڭى تەدبىرنى ئوتتۇرىغا قويغان.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر