خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-نويابر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شۇ يەر ۋاقتى 23-بۇيابر چۈشتىن بۇرۇن، ياپونىيە توكيو جىيوداكۇ رايۇنغا جايلاشقان ياسۇكۇنى ئىبادەتخانىسىنىڭ ئىچىدە تۇيۇقسىز پارتلاش يۈزبەردى، ھازىر شۇ جايدىكى ساقچى تەرەپ پارتىلتىش ۋەقەسىنىڭ سەۋەبىنى تەكشۈرمەكتە. ئىگىلىنىشىچە، ياسۇكۇنى ئىبادەتخانىسىنىڭ جەنۇبدىكى ئىشىكنىڭ بىر تازىلىق ئۆيىنىڭ ئىچىدە تۇيۇقسىز پارتلاش ئاۋازى چىققان. ساقچىلارنىڭ دەسلەپكى تەكشۈرۈشىدە بايقىشىچە تازىلىق ئۆيىنىڭ تورۇس ۋە تاملىرى ۋەقەدە بۇزلغان ئىكەن. (مەلىكەم تەرجىمىسى)
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى