باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى مەملىكەت بويىچە 100 كۈچلۈك ئۇنىۋېرسىتېت قاتارىغا كىردى

2015.11.20 13:09         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارالاشتۇرۇش سەۋىيەسى ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە ئەڭ يۇقىرى ئورۇندا تۇرىدۇ

  شىخەنزە ئۇنىۋېرسىتېتى ئاپتونوم رايونىمىز ئىچىدىكى جۇڭگو پاتېنت مۇكاپاتىغا ئەڭ كۆپ ئېرىشكەن ئالىي مەكتەپ بۇلۇپ قالدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، جۇڭگو مەكتەپداشلار جەمئىيىتى تورىدا ئېلان قىلىنغان 2015 - يىللىق جۇڭگو ئالىي مەكتەپلەر رەت تەرتىپىدە شىنجاڭدىكى بىر ئالىي مەكتەپ مەملىكەت بويىچە 100 كۈچلۈك ئالىي مەكتەپ قاتارىغا كىرگەن.

  ئىگىلىنىشىچە، ئېلىمىزدىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاتا - ئانىلارنىڭ تەلىپىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، جۇڭگو مەكتەپداشلار جەمئىيىتى تورى ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ باشقۇرۇش سەۋىيىسى ۋە ئەمەلىي كۈچىگە ئاساسەن، ھەر قايسى ئالىي مەكتەپلەرنى ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچىگە قارىتا رەتكە تۇرغۇزدى.

  2015-يىللىق جۇڭگودىكى 700 كۈچلۈك ئۇنىۋېرسىتېتلار تىزىملىكىدە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى 98- رەتكە تىزىلىپ، مەملىكەت بويىچە 100 كۈچلۈك ئۇنىۋېرسىتېت قاتارىغا كىردى. شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مەملىكەت بويىچە 100 كۈچلۈك ئۇنىۋېرسىتېت قاتارىغا كىرىشى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئۇنىۋېرسال مەكتەپ باشقۇرۇش ئەمەلىي كۈچى، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى ۋە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ۋە ئاسپىرانتلىق ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىلار، چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنى تاللاش نىسبىتى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك. شىخەنزە ئۇنىۋېرسىتېتى مەملىكەت بويىچە 115- كۈچلۈك ئۇنىۋېرسىتېت بۇلۇپ باھالانغان بۇلۇپ، كەلگۈسى بىر نەچچە يىل ئىچىدە شىنجاڭدىكى مەكتەپلەر ئىچىدە مەملىكەت بويىچە يۈز كۈچلۈك ئالىي مەكتەپلەر قاتارىغا كىرەلەيدىغان ئەمەلىي كۈچى بار.

  شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى مەملىكەت بويىچە 219- ئورۇندا، شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى مەملىكەت بويىچە 227 - ئورۇندا، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى مەملىكەت بويىچە 238 - ئورۇندا تۇرغان. (مەرھابا تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر