باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

يېڭى ساياھەت، يېڭى قىشلىق يەرمەنكە

2015.11.27 17:26   مەنبە: خەلق تورى

يېڭى ساياھەت، يېڭى قىشلىق يەرمەنكە

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىت مۇخبىرى دىلشاد غوجائەھمەد خەۋىرى) دۆلەت ساياھەت ئىدارىسى بىلەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بىرلىكتە تەشكىللىگەن، شىنجاڭ ساياھەت ئىدارىسى ئۆتكۈزگەن جۇڭگو غەربىي رايون قار – مۇز بايرىمى ۋە 10 – نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ قىشلىق ساياھەت مەھسۇلاتلىرى يەرمەنكىسى 27 – نويابىر شىنجاڭ خەلقئارا يىغىن – كۆرگەزمە مەركىزىدە باشلاندى.

  ئىگىلىشىمچە، بۇ نۆۋەتلىك قىشلىق يەرمەنكىدە 6240 كۋادىرات مېتر يەرگە 268 يايما ئورنى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، يەرمەنكىگە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 15 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەردىن باشقا يەنە 15 دۆلەت ۋە رايون، تەشكىلاتتىن شۇنداقلا دۆلىتىمىزدىكى 31 ئۆلكە، شەھەر ۋە ئاپتونوم رايون، شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەن رايونىدىن كەلگەن ساياھەت كوپېراتىپى، مېھمانساراي، سەيلىگاھ قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشقان.

  ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئىنئام نەسىردىن مۇنداق دېدى: بۇ نۆۋەتلىك يەرمەنكىدە دۆلەتنىڭ «بىر يول، بىر بەلباغ» ئىستراتېگىيەسىگە تولۇق ماسلىشىپ مەخسۇس «يىپەك يولى» ئاساسىي تېمىسىدىكى كۆرگەزمە ئورنى تەسىس قىلىپ، «يىپەك يولى» بويىدىكى دۆلەت ۋە رايونلارنىڭ ئۆزگىچە مەدەنىيىتى، ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرى نامايەن قىلىندى. يەرمەنكىدە يېڭىچە ساياھەت مەھسۇلاتلىرى، يېڭى ساياھەت لېنىيەلىرى كۆرگەزمە قىلىندى، تۇنجى قېتىم «ئېنترنېت +» ساياھەت مەھسۇلاتلىرى يايما ئورنى تەسىس قىلىنىپ توردىكى كەسىپلەر زەنجىرىنى بىرلەشتۈرۈپ، شەكىلسىز مەھسۇلاتنى شەكىللىك مەھسۇلاتقا ئايلاندۇردى. ئېلىكترونلۇق تور سودىگەرلىرى، تور دۇكىنى، ئۇندىدار دۇكىنى، ئەمەلىي دۇكانلارنى مەركەزلەشتۈردى. بۇ ئارقىلىق سەھرا ساياھىتى، ئۆي ئاپتوموبىلى ساياھىتى، ئىستراھەت ساياھىتى، ئالاھىدە ساياھەتچىلىك قاتارلىق نۇرغۇن ئۆزگىچە ساياھەت تۈرلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ نامايەن قىلدى.

  قىشلىق يەرمەنكە ئۆتكۈزۈلىنىپ كەلگەن 9 يىلدىن بۇيان يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىپ، كىچىكلىكتىن زورىيىپ دۆلىتىمىزنىڭ غەربىي رايونىدىكى ئەڭ چوڭ قىشلىق ساياھىتى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىق، سودىگەر چاقىرىشدىكى ئاساسلىق سەھنە، دۆلىتىمىزدىكى تۇنجى بولۇپ دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىغا تەڭلا بىر ۋاقىتتا يۈزلەنگەن قىشلىق ساياھەت يەرمەنكىسى، شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ نوپۇزى بولۇپ قالغان.

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 【11】 【12】 【13】 【14】 【15】 
【16】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئوتتۇرا ، باشلانغۇچ مەكتەپلەردە كىلەر يىلى 23- يانۋار قىشلىق تەتىلگە قويۇپ بېرىل…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى يەسلى مائارىپىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى
      ·يەسلى مائارىپىغا 5يىلدا 400مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىندى
      ·شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى يېڭى مەكتەپ رايونى قۇرماقچى
      ·شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى مەملىكەت بويىچە 100 كۈچلۈك ئۇنىۋېرسىتېت قاتارىغا كىردى
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى يېڭى بەلگىلىمە چىقىرىپ تۆت خىل ئەھۋالدا ئىستۇدېنتلارنىڭ مەكتەپ يۆتكىلىشىگە بول…
      ·مەجبۇرىي مائارىپ باسقۇچىدىكى دەرسلىكلەر ھەقسىز قىلىنىدۇ
      ·كېلەر يىلى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تەنتەربىيە كەسىپلىرىگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش بۆلەكلەر بويىچە ئېلىپ بېر…
      ·بېيجىڭ چەتئەل تىلى ئۇنىۋېرسىتېتىدا يۈزدىن ئارتۇق چەتئەل تىلى دەرسى تەسىس قىلىنىدۇ
      ·كېلەر يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تەنتەربىيە كەسپىدىن ئېلىنىدىغان سىناق…