باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى يېڭى مەكتەپ رايونى قۇرماقچى

2015.11.24 14:54         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى (ئالىم راخمان تەرجىمىسى) شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىن ئىگىلىنىشىچە، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى يېڭى مەكتەپ رايونىنى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شىمالىي يېڭى رايون ئەننىڭچۈ ئەتراپىدا قۇرماقچى ئىكەن.نۆۋەتتە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى يېڭى مەكتەپ رايونىنىڭ ئۇقۇم خارەكتېرلىك پىلانىغا خېرىدار چاقىرىش باشلاندى. يېڭى مەكتەپ رايونىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 5924مو بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە مەكتەپ قۇرۇلۇشىغا ئىشلىتىلىدىغان يەر (قىزىل سىزىق) 4013.27مو، ئىشچى-خىزمەتچىلەر تۇرالغۇسىغا ئىشلىتىلىدىغان يەر 442مو؛ ئومۇمىي ئىمارەت كۆلىمى بىر مىليون 660مىڭ كۋادرات مېتىر، بۇنىڭ ئىچىدە مەكتەپ ياتىقى بىر مىليون 300مىڭ كۋادرات مېتىر، ئىشچى-خىزمەتچىلەر تۇرالغۇ كۆلىمى 360مىڭ كۋادرات مېتىر كېلىدۇ.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، خېرىدار چاقىرىش تەرتىپى ئۈچ قاتلامغا بۆلۈنگەن بولۇپ، رەت بويىچە ئۇقۇم خارەكتېرلىك پىلان، قۇرۇش خارەكتېرلىك پىلان ۋە يەككە گەۋدە لايىھەسى پىلانى قاتارلىقلارغا بۆلۈنىدىكەن.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر