باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ قاتناش ئىشلىرىدا «ئۈچ يىلدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش، بەش يىلدا ھالقىش»تەرەققىيات نىشانى ئىشقا ئاشتى

2015.11.25 14:46         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  نويابىردا گەز دەرياسى ۋادىسىنى سوغۇق قاپلىغان بولسىمۇ، G314 ئويتاغدىن بۇلۇڭكۆلگىچە بولغان تاشيول تۈرىنىڭ ھەرقايسى ئىش ئورنىدا قۇرۇلۇشچىلار جىددىي ھەم قىزغىن ئىشلەۋاتاتتى.

  كېلەر يىلى سېنتەبىرنىڭ ئاخىرىدا تاماملىنىدىغان ئويتاغ - بۇلۇڭكۆل تاشيول تۈرى جۇڭگو - پاكىستان تاشيول قۇرۇلۇشى تارىخىدىكى 4 - قېتىملىق ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى ھېسابلىنىدۇ، بۇ ئاپتونوم رايونىمىز قاتناش تەرەققىياتىنىڭ يەنە بىر روشەن دەلىلى بولۇپ قالىدۇ. «12 - بەش يىل» مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ قاتناش ئىشلىرىدا «ئۈچ يىلدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش، بەش يىلدا ھالقىش» تەرەققىيات نىشانى ئىشقا ئاشتى. قاتار - قاتار تاشيوللار چۆل - باياۋان ۋە قۇملۇقلارنى كېسىپ ئۆتۈپ، ئېگىز تاغلاردىن ھالقىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ شەھەر، يېزا - بازار، كەنتلىرىنى بىر - بىرىگە تۇتاشتۇرۇپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنى توسالغۇسىز سەپەر قىلىش شارائىتىغا ئىگە قىلدى.

  2011 - يىلىنى ئەسلىسەك، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش - تىرانسپورت نازارىتى «12 - بەش يىل»دا تۇنجى قەدەمنى پۇختا بېسىش ئۈچۈن «ئۈچ يىلدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش، بەش يىلدا ھالقىش، ئېلىمىزنىڭ غەربىدە يۇقىرى سۈرئەتلىك يول ۋە قاتناش تۈگۈنى بەرپا قىلىش» ھەرىكىتىنى باشلاپ، چوڭ ھالقىش، چوڭ بۆسۈش تەرەققىيات نىشانىنى، يەنى: «57712» (توغرىسىغا تۇتاشتۇرىدىغان بەش، ئۇزۇنىسىغا تۇتاشتۇرىدىغان يەتتە يۇقىرى سۈرئەتلىك ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك يول تورى بەرپا قىلىش، دۆلەت دەرىجىلىك يەتتە قاتناش تۈگۈنى بەرپا قىلىش، شەرقتە ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە، غەربتە خەلقئارالىق تاشيولغا تۇتىشىدىغان 12 غول يول ياساش) ۋە «يېزا يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ خەلقنى بېيىتىش» (تورلاشتۇرۇش، مايلاشتۇرۇش ئاساسىي تېمىسىدىكى يېزا يول تورىنى ئىشقا ئاشۇرۇش)تىن ئىبارەت ئىككى چوڭ تارىخىي خاراكتېرلىك قۇرۇلۇشنى يولغا قويۇپ، قاتناش قۇرۇلۇشى، تاشيول تىرانسپورتى، يول ئاسراش ۋە جىددىي كاپالەتلەندۈرۈش ئىقتىدارى، ئۇنىۋېرسال قاتناش - تىرانسپورت سىستېمىسى قۇرۇلۇشى ۋە پەن - تېخنىكىدا ئىلگىرىلەش، ئىختىساسلىقلار كاپالىتى، مەدەنىيەت ئارقىلىق يېتەكلەش قاتارلىق يۇمشاق ئەمەلىي كۈچ قۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلەردە زور بۆسۈش ھاسىل قىلىش، «12 - بەش يىل»دا قاتناش - تىرانسپورت تۈرلىرىگە 150 مىليارد يۈەندىن 200 مىليارد يۈەنگىچە مەبلەغ سېلىشنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  2011 - يىلىنىڭ بېشىدا، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش - تىرانسپورت نازارىتى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ قاتناش - تىرانسپورت ساھەسىدىكى ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئىشچى - خىزمەتچىلەرگە قاتناش - تىرانسپورتتا «ساقلاپ تۇرماسلىق، سۈرئەتنى ئاستىلاتماسلىق، ئولتۇرالماسلىق»تىن ئىبارەت تەخىرسىزلىك ئېڭى ۋە مەسئۇلىيەت ئېڭى بىلەن تەرەققىيات يولىدا ئىزدىنىپ، خىزمەتلەرنى پۇختا ۋە ئەستايىدىل ئىشلەپ، قاتناش - تىرانسپورت تەرەققىياتىدا يېڭى ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، شىنجاڭنى مۇقىملاشتۇرۇپ گۈللەندۈرۈش، خەلقنى بېيىتىپ چېگرا مۇداپىئەسىنى مۇستەھكەملەش، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇش، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا يېڭى مۆجىزىلەرنى يارىتىش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىشنى تەشەببۇس قىلدى.

  «12 - بەش يىل»دا ئاپتونوم رايوننىڭ قاتناش قۇرۇلۇش سېلىنمىسى زور دەرىجىدە كۆپەيدى. مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلىشتىن بۇرۇن، شىنجاڭ ھەر يىلى قاتناش قۇرۇلۇشىغا نەچچە مىليارد يۈەنلا مەبلەغ سالالايتتى، ئەڭ كۆپ بولغاندىمۇ 10 مىليارد يۈەندىن ئېشىپ كەتمەيتتى. «12 - بەش يىل»نىڭ تۇنجى يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە 30 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ، 51 مىڭ 400 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتا تاشيول، 30 مىڭ مېتىر ئۇزۇنلۇقتا كۆۋرۈك ياسالدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بېكىتكەن 22 تۈرلۈك نۇقتىلىق خەلق تۇرمۇشى تاشيول قۇرۇلۇشىدا، «يېزا يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، خەلقنى بېيىتىش» قۇرۇلۇشىغا پىلاندىن ئاشۇرۇپ 3 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ، شارائىتى يار بېرىدىغان يېزا، بازار يوللىرىنىڭ ھەممىسىنى ئاسفالتلاشتۇرۇش ۋە %90 ئىشتاتلىق كەنت يولىنى ئاسفالتلاشتۇرۇش ئومۇمىي نىشانى ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

  ئارقىدىن ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ قاتناش ئىشلىرىدا «ئۈچ يىلدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش، بەش يىلدا ھالقىش» قەدىمى پۇختا بېسىلدى، بەش يىلدا پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ قاتناش قۇرۇلۇشى تۇراقلىق مۈلكىگە سېلىنغان مەبلەغ جەمئىي 176 مىلىيارد 130 مىليون يۈەنگە يەتتى، بۇ شىنجاڭنىڭ «12 - بەش يىل»دىن ئىلگىرىكى 60 يىلدا قاتناش قۇرۇلۇشى تۇراقلىق مۈلكىگە سېلىنغان مەبلەغ يىغىندىسىنىڭ 1.3 ھەسسىسىگە توغرا كېلىپ، «12 - بەش يىل»لىق ۋەزىپە مۇددەتتىن بۇرۇن نورمىدىن ئاشۇرۇپ ئورۇندالدى. بۇ بەش يىل شىنجاڭنىڭ قاتناش قۇرۇلۇشى تارىخىدا تەرەققىيات ئەڭ تېز، ئەڭ ياخشى بولغان، پۇقرالار ئەڭ كۆپ، ئەڭ چوڭ نەپكە ئېرىشكەن بەش يىل بولۇپ، قاتناش ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىدىكى چەكلىمە خاراكتېرلىك مەسىلىلەر دەسلەپكى قەدەمدە ھەل قىلىندى.

  2014 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تاشيول ئومۇمىي مۇساپىسى 175 مىڭ 500 كىلومېتىرغا(بىڭتۈەن تاشيولىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) يەتتى. بۇنىڭ ئىچىدە يۇقىرى سۈرئەتلىك يول مۇساپىسى «11 - بەش يىل»نىڭ ئاخىرىدىكى 843 كىلومېتىردىن 4316 كىلومېتىر(ياسىلىۋاتقىنى 1000 كىلومېتىر)غا يېتىپ، مەملىكەت بويىچە 12 - ئورۇنغا، غەربىي شىمالدىكى بەش ئۆلكە، ئاپتونوم رايون ئىچىدە 3 - ئورۇنغا ئۆتتى. قىسقىغىنە تۆت يىلدا شىنجاڭ 17 ئۆلكە، ئاپتونوم رايوننى بېسىپ چۈشۈپ، ئىسمى جىسمىغا لايىق چوڭ ھالقىش، زور تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇردى.

  قاتناش قۇرۇلۇشى −− ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، شۇنداقلا خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى، بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز «قاتناشنى راۋانلاشتۇرۇپ، خەلقنى بېيىتىش» قۇرۇلۇشىنى نۇقتىلىق خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى قىلىپ يولغا قويغان بەشىنچى يىل. قاتار - قاتار قاراماي يوللار ئېگىز تاغدىن ھالقىپ، چۆل - باياۋانلارنى كېسىپ ئۆتۈپ، بوستانلىقلارنى بىر - بىرىگە تۇتاشتۇرۇپ، چوڭ قۇملۇقنىڭ ئىچكىرىسىدىكى كەنتلەرگە يەتكۈزۈلدى، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى ھەر مىللەت دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ يول يۈرۈش شارائىتىمۇ تۈپتىن ياخشىلاندى، بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئىككى ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ يېزا يوللىرى كۈندىن - كۈنگە راۋانلاشتى.

  ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش - تىرانسپورت نازارىتى تەمىنلىگەن سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە: 2014 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېزا تاشيول ئومۇمىي مۇساپىسى 114 مىڭ 200 كىلومېتىرغا يەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە ناھىيە تاشيول مۇساپىسى 17 مىڭ 400 كىلومېتىرغا، يېزا تاشيول مۇساپىسى 48 مىڭ كىلومېتىرغا، كەنت تاشيول مۇساپىسى 43 مىڭ 600 كىلومېتىرغا، مەخسۇس تاشيول مۇساپىسى 5200 كىلومېتىرغا يەتكەن. 2010 - يىلدىن 2014 - يىلىغىچە 37 مىڭ 430 كىلومېتىر يېزا تاشيولىنى ئۆزگەرتىپ ياساش قۇرۇلۇشى تاماملانغان، بۇنىڭغا 21 مىليارد 200 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ، 189 يېزا - بازار، 2924 ئىشتاتلىق كەنتنىڭ قاتناش شارائىتى ياخشىلانغان، بۇ قۇرۇلۇشتىن 5 مىليون 610 مىڭ دېھقان - چارۋىچى نەپكە ئېرىشكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر