باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شۆھرەت زاكىر تۇرپان شەھىرىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى

مۇھىم پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، 13 - بەش يىللىق يىرىك پىلاننىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى ئىلمىي پىلانلاش كېرەك

2015.11.25 14:45         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر 24 - نويابىر تۇرپان شەھىرىدىكى چوڭ - چوڭ تۈرلەر، يېڭى يېزا قۇرۇلۇشى ۋە بۇ جايغا ماكانلاشقان كارخانىلارنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، تۇرپان ۋىلايىتى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، شەھەر تەسىس قىلىنغاندىن كېيىنكى ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. شۆھرەت زاكىر مۇنداق دېدى: تۇرپان شەھىرى ۋىلايەت ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، شەھەر تەسىس قىلىنغان مۇھىم پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، تەرەققىيات پۇرسىتىنى قولدىن بەرمەي، تەرەققىياتتىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، تەرەققىيات تەپەككۇرى ۋە خىزمەت ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، تۇرپان شەھىرىنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

  تۇرپان شەھىرىدىكى ئىدىقۇت رايونىنىڭ يارغول بازىرىدا يېڭىدىن سېلىنغان ئەمىن ئۆيلەرنىڭ تاملىرىغا تۇرپاننىڭ ئەنئەنىۋى قۇرۇلۇش ئۇسلۇبىدىكى گۈل ۋە نەقىشلەر ئويۇلغان بولۇپ، قويۇق يەرلىك پۇراق چىقىپ تۇراتتى. شۆھرەت زاكىر بۇ بازاردىكى ئىساق قۇرباننىڭ ئۆيىدە ئەھۋاللىشىش ئارقىلىق، ئىساقنىڭ بۇ يىلنىڭ بېشىدا بۇ ئۆيگە كۆچۈپ كىرگەندىن كېيىن، بۇ بازارنىڭ مەنزىرە نۇقتىسىغا يېقىن بولۇشتەك ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، ئائىلە مېھمانخانىسى ئېچىپ، ساياھەت ئاۋات پەسىلدە كۈندە ئەڭ كۆپ بولغاندا 1000 يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلغانلىقىنى ئىگىلىدى. شۆھرەت زاكىر مۇنداق دېدى: تۇرپان شىنجاڭنىڭ داڭلىق ساياھەت مەنزىرە رايونى. سىلەرنىڭ بايلىق ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، ئەمگەكچان ئىككى قولۇڭلارغا تايىنىپ، تۇرمۇشۇڭلارنى بارغانسېرى ياخشىلاۋاتقانلىقىڭلاردىن بەك خۇشال بولدۇم!

  يارغۇل بازىرىنىڭ يېڭىمەھەللە كەنتىدە سىناق تەرىقىسىدە ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەن ئىلچى توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بازىسىدا، ئۇيغۇرچە نۇسخىدىكى زامانىۋى مودا كىيىملەر لايىھەلىنىپ تىكىلىدۇ، مۆلچەرلىنىشىچە، كېلەر يىلى شۇ جايدىكى ئېشىنچا ئەمگەكچىدىن 500نى قوبۇل قىلالايدىكەن. شۆھرەت زاكىر مۇنداق دېدى: كارخانىنىڭ مىللىي ئالاھىدىلىكىنى ئاساس قىلىپ، مىللىي ئېلېمېنت بىلەن مودا ئېقىم ئېلېمېنتىنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمىنى تىرىشىپ كېڭەيتىپ، يەرلىك ئېشىنچا ئەمگەكچىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، تۇرپان شەھىرىنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغان مەزگىلدە، شۆھرەت زاكىر تۇرپان شەھىرىدىكى پارتىيە، ھۆكۈمەت مەسئۇللىرى بىلەن سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، تۇرپان شەھىرىنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلىدى. شۆھرەت زاكىر تۇرپان ۋىلايىتى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، شەھەر تەسىس قىلىنغاندىن بۇيانقى خىزمەتلەرنى مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ يىل تۇرپان ۋىلايىتى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ شەھەر تەسىس قىلىنغاندىن بۇيان، شەھەرلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتى شەھەردىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەرەققىيات تەپەككۇرى ۋە خىزمەت ئۇسۇلىدا ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ، يېڭى پەللىدە ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى تېزلىتىپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاپ، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈۋاتىدۇ. ج ك پ 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىدا، تەرەققىياتتا يېڭىلىق يارىتىش، ماس تەرەققىي قىلىش، تەرەققىيات يېشىل بولۇش، ئوچۇق تەرەققىي قىلىش، تەرەققىياتتىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشتىن ئىبارەت بەش چوڭ تەرەققىيات ئىدىيەسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. تۇرپان شەھىرى 5 - ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، «13 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى خىزمەتلەرنى ئىلمىي پىلانلاپ، بەش چوڭ تەرەققىيات ئىدىيەسىنى 13 - بەش يىللىق يىرىك پىلاندىكى كونكرېت مەزمۇن ۋە كونكرېت كەسىپلەرگە سىڭدۈرۈپ، خىزمەتلەردە تىرىشىپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشى كېرەك.

  شۆھرەت زاكىر مۇنداق دېدى: تۇرپان شەھىرى ۋىلايەت ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، شەھەر تەسىس قىلىنغاندىن كېيىنكى خىزمەتلەرنىڭ كۆزلەش نۇقتىسى، كۈچەش نۇقتىسىغا بىرلەشتۈرۈپ، خىزمەتلەرنى نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ئىلمىي تەپەككۇر ۋە ئىسلاھ قىلىش روھى بويىچە پىلانلىشى ۋە ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. تۇرپاننىڭ ئەۋزەللىكى ۋە يېتەرسىزلىكلىرىنى ئىلمىي يەكۈنلەپ، تەرەققىيات نىشانىنى ئېنىق بېكىتىپ، تەشەببۇسكارلىقنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئەۋزەللىك شەكىللەنگەن ئىشلارنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ قىلىش؛ ئۆز ئەۋزەللىكى ۋە كەسىپ ئاساسىغا تايىنىپ، يېڭىچە سانائەتلىشىشتىكى توسالغۇلارنى يېڭىپ، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى باشتىن - ئاخىر مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، خەلق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك چوڭ قۇرۇلۇشلارنى كۈچەيتىش، بولۇپمۇ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىجتىمائىي كاپالەت، نامراتلارنى يۆلەش قاتارلىق خەلق تۇرمۇشىغا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى ئەستايىدىل ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش؛ مۇقىملىقنى ساقلاشنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، ھەرقانداق چاغدا ئىدىيە ۋە خىزمەتتە بوشاڭلىق قىلماسلىق كېرەك.

  شۆھرەت زاكىر يەنە «جۇڭلى تېڭخۇي» يېڭى ئوپتىكىلىق ماتېرىياللار چەكلىك شىركىتى، تۇرپان شەھىرى ئۈزۈم ھارىقى كەسپى باغچىسىغا بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر