باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

زىمبابۈۋى، جەنۇبىي ئافرىقىدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ ۋە جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ جوخاننېسبۇرگقا بېرىپ، جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى باشلىقلار يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلىدۇ

شى جىنپىڭ فرانسىيەگە بېرىپ پارىژ كېلىمات ئۆزگىرىشى چوڭ يىغىنىغا قاتنىشىدۇ

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى جۇڭگو، چەت ئەل تاراتقۇلىرىنى خەۋەرلەندۈرۈپ قويۇش يىغىنى ئېچىپ ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى

2015.11.26 15:55         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى لۇ كاڭ 25-نويابىر دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ 29-نويابىردىن 30-نويابىرغىچە فرانسىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى ئوللاند ۋە پارىژ كېلىمات ئۆزگىرىشى چوڭ يىغىنىنىڭ رەئىسى فابىئوسنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، فرانسىيەگە بېرىپ پارىژ كېلىمات ئۆزگىرىشى چوڭ يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

  زىمبابۈۋى جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى مۇگابېنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 1-دېكابىردىن 2-دېكابىرغىچە زىمبابۈۋىدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ.

  جەنۇبىي ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى زۇمانىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 2-دېكابىردىن 5-دېكابىرغىچە جەنۇبىي ئافرىقىدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ ۋە جوخاننېسبۇرگقا بېرىپ، جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى باشلىقلار يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلىدۇ. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر