باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ ئېبولا قاناش قىزىتمىسى كېسىلىدىن مۇداپىئەلىنىش، كونترول قىلىش خىزمىتىنى خۇلاسىلەش-تەقدىرلەش يىغىنىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

ئاممىنىڭ سالامەتلىك بىخەتەرلىكىنى باشتىن-ئاخىر مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، يۇقۇملۇق كېسەلدىن مۇداپىئەلىنىش، كونترول قىلىش ۋە تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن جامائەت ساقلىق ئىشلىرىغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەش كېرەك

2015.11.26 15:52         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئېبولا قاناش قىزىتمىسى كېسىلىدىن مۇداپىئەلىنىش، كونترول قىلىش خىزمىتىنى خۇلاسىلەش-تەقدىرلەش يىغىنى 25-نويابىر بېيجىڭدا ئېچىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ مۇھىم يوليورۇق بەردى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: غەربىي ئافرىقىدىكى قىسمەن دۆلەتلەردە ئېبولا قاناش قىزىتمىسى كېسىلى كۆرۈلگەندىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن جۇڭگو-ئافرىقىنىڭ دوستلۇق ئومۇمىيىتىنى چىقىش قىلىپ، ئافرىقىدىكى كېسەللىك ئەھۋالى كۆرۈلگەن دۆلەتلەرنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىغا قارشى تۇرۇشىغا پۈتۈن كۈچى بىلەن ياردەم بېرىش توغرىسىدا قارار چىقاردى. ئالاقىدار تارماقلار، جايلار ۋە ئارمىيەلەر مەركەزنىڭ قارار، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، قىسىمدىكى تېببىي خادىملار «جاپادىن قورقماسلىق، تۆھپە قوشۇشقا رازى بولۇش، ئاغرىقلارنى قۇتقۇزۇش، مېھرىبانلىق يەتكۈزۈش»تەك ئالىيجاناب روھنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ياردەم بەرگەن دۆلەتتىكى كىشىلەر بىلەن مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ جەڭ قىلىپ، كېسەللىك ئەھۋالى يۈز بەرگەن دۆلەتلەرگە ياردەملىشىپ كېسەللىك ئەھۋالىنى كونترول قىلىپ، «غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈپ، كېسەلدىن يۇقۇملانماسلىق»تەك نىشاننى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىشقا ئاشۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئالاقىدار تەرەپلەر بىرلەشمە مۇداپىئەلىنىش، كونترول قىلىش خىزمەت مېخانىزمىنى ۋاقتىدا يولغا قويۇپ، يۇقۇملىنىشتىن ئۈنۈملۈك مۇداپىئەلىنىپ، ئېلىمىز خەلقىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا كاپالەتلىك قىلدى. ئېلىمىزنىڭ ئافرىقىدىكى كېسەللىك ئەھۋالى كۆرۈلگەن دۆلەتلەرگە پۈتۈن كۈچى بىلەن ياردەم بېرىش ھەرىكىتى ئېلىمىزنىڭ مەسئۇلىيەتچان دۆلەت بولۇشتەك ئوبرازىنى نامايان قىلىپ، جۇڭگو-ئافرىقىنىڭ دوستلۇقىنى مۇستەھكەملەش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر