باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ پولشا زۇڭتۇڭى دۇدا بىلەن سۆھبەتلەشتى

ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى جۇڭگو-پولشا ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشنى بىردەك ماقۇللىدى

2015.11.26 15:48        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 25-نويابىر «خەلق» سارىيىدا پولشا زۇڭتۇڭى دۇدا بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى تىرىشىپ جۇڭگو-پولشا ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، جۇڭگو-ياۋروپا مۇناسىۋىتى شۇنداقلا جۇڭگو-ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ «16+1 ھەمكارلىقى» ئۈچۈن يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ قوشۇشنى بىردەك ماقۇللىدى.

  شى جىنپىڭ دۇدانىڭ جۇڭگونى زىيارەت قىلغانلىقى ۋە 4-قېتىملىق جۇڭگو − ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا دۆلەت رەھبەرلىرى سۆھبىتىگە قاتناشقانلىقىنى قارشى ئالدى. شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: پولشا يېڭى جۇڭگونى ئەڭ بۇرۇن ئېتىراپ قىلغان ۋە يېڭى جۇڭگو بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان دۆلەتلەرنىڭ بىرى. ئىككى دۆلەت 2011-يىلىدىن باشلاپ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن بۇيان، ئىككى تەرەپ ھەر قايسى ساھەلەرنىڭ كونكرېت ئىشلاردىكى ھەمكارلىقىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرگە ئېرىشتى. ئىككى تەرەپ سىياسىيدا ئۆز ئارا ئىشىنىش سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى داۋاملىق ساقلاپ، ھۆكۈمەت، قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتى، پارتىيە قاتارلىقلارنىڭ ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، خەلقئارا ئىشلاردىكى ئالاقە ۋە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشى كېرەك. ئىككى تەرەپ كونكرېت ئىشلاردىكى ھەمكارلىقىنىڭ ئاساسىنى چىڭىتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنى پولشا دۆلىتىنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى بىلەن ئۇدۇللاشتۇرۇشنى تېزلىتىشى كېرەك. جۇڭگو ئىقتىدارلىق جۇڭگو كارخانىلىرىنى پولشادا بازار ئېچىشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ، پولشا كارخانىلىرىنىڭ جۇڭگو كېلىپ تەرەققىي قىلىشىنى قارشى ئالىدۇ. ئىككى تەرەپ پولشانى مەركەز قىلغان يېڭى ئەشيا ئوبوروت لىنىيەسى بەرپا قىلىپ، ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئەشيا ئوبوروت مەركىزى قۇرۇش ئۈستىدە يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ مۇزاكىرىلىشىدۇ. جۇڭگو پولشا بىلەن پۇل مۇئامىلە، قورال-جابدۇق ياساش، مۇھىت ئاسراش، يېڭى ئېنېرگىيە، ئۇچۇر ئالاقە تېخنىكىسى، يېزا ئىگىلىك، پەن-تېخنىكا، ئېلېكترونلۇق سودا، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشنى كېڭەيتىپ، ساياھەت، مائارىپ، تەنتەربىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئۆز ئارا چۈشىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر