باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ ماقالە يېزىپ جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ 2016-يىلى قانداق بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈردى

2015.11.27 13:38         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ ئەنگلىيە «ئىقتىساد تەتقىقاتچىسى» يىللىق ژۇرنىلىنىڭ «دۇنيا 2016»دە «جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ كەلگۈسى» ماۋزۇلۇق ماقالە يېزىپ، 2016-يىللىق جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشىنى بايان قىلدى.

  زۇڭلى لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش بىلەن خەلقئارا ھەمكارلىقنى كۈچلۈك بىرلەشتۈرۈش كۆپ يىللاردىن بۇيان جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىدىكى مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى. شۇڭا 2016-يىلى، جۇڭگو ئىسلاھاتنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كۈچەيتىپ، خەلقئارا بىلەن ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنى كېڭەيتىدۇ.

  2016-يىلى «13-بەش يىل»نىڭ باشلىنىش يىلى. جۇڭگو ھۆكۈمىتى يېقىندا ئېلان قىلغان «ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ 13-بەش يىللىق يىرىك پىلانىنى تۈزۈش توغرىسىدىكى تەكلىپى»دە، ئىسلاھاتنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنى ۋاقتىدا ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ كۈرەش نىشانى، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك ئالتە چوڭ پرىنسىپنىڭ بىرى قىلدى. پىكىردە، ئىسلاھات تەرەققىياتنىڭ كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش باش نىشانى بويىچە، بازارنىڭ بايلىق تەقسىماتىدا ئوينايدىغان ھەل قىلغۇچ رولىنى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت تۈزۈلمە-مېخانىزم سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ھەرقايسى جەھەتلەردىكى تۈزۈلمە-مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، ئىلمىي تەرەققىياتقا پايدىسىز بولغان بارلىق تۈزۈلمە-مېخانىزم توساقلىرىنى سۈپۈرۈپ تاشلاپ، تەرەققىياتنى داۋاملىق ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بىلەن تەمىنلەش كېرەك، دېيىلدى. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولدىكى، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش جۇڭگو ھۆكۈمىتى 2016-يىلى چوقۇم يولغا قويىدىغان ماكرو سىياسىتىنىڭ يۆنىلىشى بولۇپلا قالماستىن، كەلگۈسى بەش يىلدا ئىزچىل داۋاملاشتۇرىدىغان سىياسەت پرىنسىپى بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى ھەممىگە ئايان، شۇڭا زۇڭلى لى كېچياڭ «ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئالغا ئىلگىرىلەشنىڭ يولى» دېدى.

  شۇنىڭ بىلەن بىرگە، يېقىندا ئاخىرلاشقان «ئۈچ يىغىن، بىر دۆلەت» زىيارىتىدە زۇڭلى لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو شەرقىي ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بىرگە «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى ۋە خەلقئارا ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتىدۇ، ئاسىيا ئۇل ئەسلىھەلەرگە مەبلەغ سېلىش بانكىسى ۋە يىپەك يولى فوندى قاتارلىقلار بۇنى مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ياردىمى بىلەن تەمىنلەيدۇ. جۇڭگو يەنە سىرتقا ئېچىۋېتىشنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، دۇنيا ئىقتىسادى بىلەن تېخىمۇ چوڭقۇر بىرىكىدۇ. كەلگۈسى بەش يىلدا جۇڭگو ئىمپورت تاۋارلىرى 1 مىليارد دوللارغا يېتىشى مۇمكىن. 2015-يىلى دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېنىقسىزلىقى ۋە دۆلەت ئىچىدىكى مۇرەككەپ زىددىيەتلەرنىڭ گىرەلىشىشىدەك خىرىسقا قارىتا، جۇڭگو ئىقتىسادى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم ئايلىنىپ، مۇۋاپىق ئارىلىقنى ساقلىدى، جۇڭگونىڭ ئىقتىسادنىڭ ئوتتۇرا، يۇقىرى ئېشىش سۈرئىتىنى ساقلاپ، ئوتتۇرا، يۇقىرى سەۋىيىگە ئاشۇرۇشقا تامامەن قۇربى يېتىدۇ. بۇنىڭ ھەممىسى ماقالىدە دېيىلگەن «ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش بىلەن خەلقئارا ھەمكارلىقنى كۈچلۈك بىرلەشتۈرۈش»تىن بولغان. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر