باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

15 دۆلەت سەييارە سودىگەرلىرى «10-نۆۋەتلىك قىشلىق ساياھەت كەسىپلىرى سودا كۆرگەزمىسى» گە يىغىلىدۇ

2015.11.27 13:30         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسى چەت ئەلگە چېتىشلىق كەسىپلەر ۋەكىلى ليەن يەنۋېي 25-نويابىر چۈشتىن كېيىن مۇنداق دېدى: بۇ بىر نەچچە كۈندە، چەت ئەللەردىكى سەييارە سودىگەرلەر ئارقا-ئارقىدىن شىنجاڭغا كەلدى، بىز ئۇلارنىڭ قىشلىق ساياھەت كەسىپلىرى سودا كۆرگەزمىسىگە قاتنىشىشى ئۈچۈن ئەڭ ئاخىرىقى تەييارلىقلارنى قىلىۋاتىمىز» دېدى. 27-نويابىر دۆلەت ساياھەت ئىدارىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى باش بولغان، ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسى ئۈستىگە ئالغان جوڭگۇ غەربىي دىيار قار-مۇز ساياھىتى بايرىمى ۋە 10-نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ قىشلىق ساياھەت كەسىپلىرى سودا كۆرگەزمىسى شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىدە باشلىنىدۇ.

  ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسى ساياھەتنى ئىلگىرى سۈرۈش باشقارمىسىنىڭ باشلىقى سۈي شياۋچۈەن مۇنداق دېدى، دۆلەت دەرىجىلىك ساياھەت كۆرگەزمىسى ۋە غەربىي دىياردىكى بىردىنبىر قىشلىق قار-مۇز ساياھىتى بايرىمى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇ قېتىملىق قىشلىق ساياھەت كەسىپلىرى سودا كۆرگەزمىسى ئەڭ چوڭ كۆلەمدىكى، كارخانىلار ئەڭ كۆپ قاتناشقان، چەت ئەللىك سەييارە سودىگەرلەر ئەڭ كۆپ قاتناشقان، تۈرى ئەڭ مول، ئېتىبارى ئەڭ كۆپ بولغان بىر قېتىملىق قىشلىق ساياھەت كۆرگەزمىسى بولغۇسى. نۆۋەتتە، بېيجىڭ، تيەنجىن، گۇاڭدۇڭ، گەنسۇ، جياڭشى، چۇڭچىڭ، شىزاڭ، خېيلۇڭجياڭ، خۇبېي، ئىچكى موڭغۇل، سەنشى قاتارلىق 31 ئۆلكە، رايون ۋە شەھەرنىڭ كۆرگەزمىگە قاتنىشىدىغانلىقى بېكىتىلدى. ئۇنىڭدىن باشقا، رۇسىيە، قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان، تاجىكىستان، موڭغۇلىيە قاتارلىق 15 دۆلەت ۋە رايون بۇ قېتىملىق مۇسابىقىگە قاتنىشىدۇ، چەت ئەللىك سەييارە سودىگەرلەر 100گە يېتىدۇ. بۇ چەت ئەل ساياھەت كارخانىلىرىنىڭ قىشلىق ساياھەت كۆرگەزمىسىگە قاتنىشىشىدىكى بۆسۈش ھېسابلىنىدۇ.

  «بىر بەلۋاغ، بىر يول» ئىستراتېگىيەسىنىڭ تېخىمۇ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ تەرەققىيات نىشانى «بىر مەركەز، بىر رايون» بولۇپ قالدى. يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ يادرولۇق رايونى بولغان شىنجاڭ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدا خەلقئارا ساياھەت ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە كۆرۈنەرلىك نەتىجىگە ئېرىشتى. يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى لىنىيەسىنى بويلىغان دۆلەتلەر، ئۆلكە، شەھەر ۋە رايونلارنى تېخىمۇ جەلپ قىلدى. بۇ ئالاھىدىلىكلەر بۇ قېتىملىق قىشلىق ساياھەت كۆرگەزمىسىدە گەۋدىلىنىدۇ.

  بۇ قېتىملىق قىشلىق ساياھەت كۆرگەزمىسىدە تۇنجى قېتىم «بىر بەلۋاغ، بىر يول» ساياھەت باش تېما كۆرگەزمىخانىسى تەسىس قىلىنىپ، «بىر بەلۋاغ، بىر يول» لىنىيەسىنى بويلىغان دۆلەتلەر، ئۆلكە، شەھەر ۋە رايونلار، شۇنداقلا ساياھەت كارخانىلىرى تەكلىپ قىلىنىپ، ئۇلارنىڭ ئۆزگىچە ساياھەت مەدەنىيىتى ۋە ساياھەت مەھسۇلاتلىرى ئومۇميۈزلۈك كۆرگەزمە قىلىنىدۇ.

  بۇ قېتىملىق قىشلىق ساياھەت كەسىپلىرى سودا كۆرگەزمىسى 27-نويابىردىن 29-نويابىرغىچە ئۆتكۈزۈلىدۇ، كۆرگەزمىگە ھەر قايسى دۆلەت ۋە رايونلاردىن ھەمدە دۆلەت ئىچىدىكى ھەر قايسى ئۆلكە، شەھەر ۋە رايونلاردىن كەلگەن ساياھەت باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرى، ساياھەتچىلىك جەمئىيەتلىرى، ساياھەت كوپىراتىپلىرى، ساياھەت مەنزىرە رايونلىرى (نۇقتىلىرى)، ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرى، ساياھەت ئۆي ماشىنىسى شىركەتلىرى، مىھمانسارايلار ۋە دېھقانلار شادلىقى، قار تېيىلىش مەيدانلىرى، دالا ئۈسكۈنىلىرى شىركەتلىرى، ئۆزگىچە ساياھەت مەھسۇلاتلىرى كارخانىلىرى، ساياھەتچىلىككە مۇناسىۋەتلىك كەسىپلەر، ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋە باشقا ساياھەتكە ئالاقىدار كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار قاتنىشىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر