باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى: كادىرلار نورمال دائىرە ئىچىدە يۇرتداشلار ۋە مەكتەپداشلار يىغىلىشى ئۆتكۈزسە پارتىيە ئىنتىزامىغا خىلاپلىق قىلغانلىق بولمايدۇ

2015.11.27 15:16         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-نويابر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى قانۇن-نىزام ئىشخانىسى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ ئىنتىزام جازاسى نىزامى»دا سوۋغات، ھۆرمەت پۇلى، ئىستىمال كارتىسىنى قوبۇل قىلىش قاتارلىق قىلمىشلارنىڭ ھەممىسىنى بىر تاياقتا ھەيدىمىگەن، بەلكى ئوخشاش بولمىغان ئەھۋالدا ئايرىم-ئايرىم ھالدا بەلگىلىمە چىقىرىلغان. بىرىنچىدىن، ھۆكۈمەت ئىشىنى ئادىل ئىجرا قىلىشقا تەسىر يەتكۈزۈدىغان سوۋغات، سوۋغاتلىق پۇل، ئىستېمال كارتىسى قاتارلىق نەرسىلەرنى قوبۇل قىلسا، يېنىكلىكىگە قاراپ چارە كۆرىدۇ، دېمەكچى، ئادىل ۋەزىپە ئىجرا قىلىشقا تەسىر كېلىپ چىقىرىش مۇمكىن بولىدىغان سوۋغات، سوۋغاتلىق پۇل، ئىستېمال كارتىسىنى ئېلىش قاتارلىق قىلمىشلارغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ. ئىككىنچى، باشقا نورمالسىز سوۋغات، سوۋغاتلىق پۇل، ئىستېمال كارتىسى قاتارلىق نورمال سوۋغا قىلىدىغان سوۋغاتلەردىن باشقا نەرسىلەرنى ئالسا، ئىنتىزام جازاسى بېرىش كېرەك.

  مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى قانۇن-نىزام ئىشخانىسى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: پارتىيە ئەزالىرى ۋە رەھبىرىي كادىرلار نورمال دائىرىدىكى يۇرتداشلار، مەكتەپداشلار، سەپداشلار يىغىلىشى ئۆتكۈزسە پارتىيە ئىنتىزامىغا خىلاپلىق قىلغانلىق بولمايدۇ. ئىنتىزامغا خىلاپ قىلمىشى بىلەن يۇرتداشلار، مەكتەپداشلار، سەپداشلار ئارىسىدىكى نۇرمال يىغىلىش پائالىيەتنى پەرقلەندۈرۈش لازىم، پەقەت بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ يۇرتداشلار، مەكتەپداشلار، سەپداشلار قاتارلىق يىغىلىشلارنى تەشكىللەپ قاتناشسا ئاندىن ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغانلىق بولىدۇ.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر