باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

شى جىنپىڭ چېخ زۇڭلىسى سۇبوتكا بىلەن كۆرۈشتى

2015.11.27 14:28         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 26- نويابىر خەلق سارىيىدا چېخ زۇڭلىسى سۇبوتكا بىلەن كۆرۈشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن چېخ بىر بەلباغ بىر يول قۇرۇلۇشىغا بىرلىكتە تۈرتكە بولۇش ئەسلەتمىسىنى ئىمزالىدى. بىز بۇنى پۇرسەت بىلىپ، يوشۇرۇن كۈچلەرنى قېزىپ، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى كېڭەيتىشىمىز كېرەك . جۇڭگو چېخ بىلەن ئۆزىنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى تۇتاشتۇرۇپ، ياسىمىچىلىق، يادرو ئېلېكتىر ، پۇل مۇئامىلە، ئاۋىياتسىيە ، نامى تېخنىكىسى، بىيولوگىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشنى خالايدۇ. چېخ بىر بەلباغ بىر يول لىنىيەسىدىكى مۇھىم دۆلەت، جۇڭگو چېخ بىلەن يۇقىرى سۈرئەتلىك تومۇر يول، تاش يول كۆۋرۈكى قاتارلىق قاتناش ئۇل ئەسلە قۇرۇلۇشى ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ مەدەنىيەت، ساياھەت، تەنتەربىيە، سەھىيە ، پەن تەتقىقات، مائارىپ قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو بىلەن چېخنىڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىغا تېخىمۇ كۆپ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشۇشى كېرەك .

  سوبوتكا مۇنداق دېدى: چېخ جۇڭگو بىلەن ئىقتىساد سودا، سانائەت، مۇھىت ئاسراش، پۇل مۇئامىلە، ئاۋىياتسىيە ، مال ئوبوروتى، پەن تېخنىكا ، مائارىپ، سەھىيە ، تەنتەربىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشىنى خالايدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر