باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ سېربىيە زۇڭلىسى ۋۇچىچى بىلەن كۆرۈشتى

2015.11.27 14:31         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 26- نويابىر خەلق سارىيىدا سېربىيە زۇڭلىسى ۋۇچىچى بىلەن كۆرۈشتى.

  شى جىنپىڭ ۋۇچىچىنىڭ جۇڭگودا رەسمىي زىيارەتتە بولغانلىقىنى ھەمدە 4- قېتىملىق جۇڭگو بىلەن شەرقىي ياۋروپا ئەللىرى رەھبەرلىرىنىڭ ئۇچرىشىشىغا قاتناشقانلىقىنى قارشى ئالدى. شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: سېربىيە يەنە بىر قېتىم سانائەتلىشىش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويماقتا، جۇڭگو بىر بەلباغ بىر يول تەشەببۇسىغا تۈرتكە بولماقتا، ئىككى تەرەپ، ئىككى دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنىڭ بىرلىشىشكە پائال تۈرتكە بولۇپ، ئېنېرگىيە ، پۇل مۇئامىلە، خەۋەرلىشىش، يېزا ئىگىلىك قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچىنى پائال قېزىپ، مۇھىم نۇقتىلاردىكى ھەمكارلىق تۈرلىرىگە تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىشى كېرەك . بىز جۇڭگو بىلەن سېربىيەنىڭ بىر بەلباغ بىر يول قۇرۇلۇشىغا بىرلىكتە تۈرتكە بولۇش توغرىسىدىكى ئەسلەتمىسىنى ئىمزالاشنى پۇرسەت بىلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆز ئارا چۈشىنىشىنى كۈچەيتىپ، يېڭى ھەمكارلىق ئېشىش نۇقتىلىرىنى قېزىشنى ۋە يېتىلدۈرۈشنى خالايمىز. ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇشنى قويۇقلاشتۇرۇش جۇڭگو بىلەن سېربىيە دوستلۇقى تارىخىدىكى مۇھىم ئاچقۇچ. ئىككى تەرەپ ئۆز ئارا چۈشىنىشىنى كۈچەيتىپ، دوستلۇق بەلبېغىنى ۋە ئەل رايىنى يېقىنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى كۆپرەك ئىشلەپ، مەدەنىيەت، مائارىپ، ساياھەت ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك دوستلۇقىنىڭ ئەل رايى ئاساسىنى مۇستەھكەملىشى كېرەك .


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر