باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچاڭ سېربىيە زۇڭلىسى ۋۇچىچى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى

2015.11.27 14:30         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچاڭ 26- نويابىر خەلق سارىيىدا 4- قېتىملىق جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا شەرقىي ياۋروپا ئەللىرى رەھبەرلىرىنىڭ ئۇچرىشىشىغا قاتنىشىش ۋە جۇڭگودا رەسمىي زىيارەتتە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن سېربىيە زۇڭتۇڭى ۋۇچىچى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى.

  لى كېچاڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو سېربىيە بىلەن تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى بىرلەشتۈرۈپ، ئورتاق تەرەققىي قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپنىڭ ھاسىل قىلىنغان تومۇر يول، تاش يول، ئېلېكتىر ئىستانسىسى قاتارلىق تۇر قۇرۇلۇشىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئۈمىد قىلىدۇ. پائال شارائىت يارىتىپ، سېربىيە ۋېنگىرىيە تومۇر يولى تۈرىدە بالدۇرراق ئىش باشلاشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك . جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئۆز دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ سېربىيەدە پولات تومۇر قاتارلىق ساھەلەردىكى كەسپى ئىقتىدار ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇپ، سېربىيەنىڭ ئۇل ئەسلە قۇرۇلۇشىنى سۈپىتى يۇقىرى بولغان، تەن نەرخى تۆۋەن بولغان، سېربىيەنىڭ ئىقتىسادى ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا ياردەم بېرىدىغان، ئەتراپتىكى دۆلەتلەرگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ۋە يېتەكلەيدىغان رولىنى جارى قىلدۇرۇشنى قوللايدۇ. ئىككى تەرەپنىڭ دوناي دەرياسى قورغىنىدىكى سانائەت باغچە رايونى قۇرۇلۇشىغا بىرلىكتە تۈرتكە بولۇپ، ھەمكارلىق ساھەلىرىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسى، ئوتتۇرا كىچىك كارخانىلار، مەدەنىيەت، مائارىپ، ساياھەت قاتارلىق كەڭ ساھەلەردىكى ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچلىرىنى قېزىپ، ئۆز ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

  ۋۇچىچى زۇڭلى لى كېچاڭنىڭ 4- قېتىملىق جۇڭگو ئوتتۇرا شەرقىي ياۋروپا ئەللىرى رەھبەرلىرىنىڭ ئۇچرىشىشى مەزگىلىدە ئوتتۇرىغا قويغان ، ئوتتۇرا شەرقىي ياۋروپادىكى 16 دۆلەت بىلەن جۇڭگونىڭ ھەمكارلىق رامكىسىنى يۈكسەك دەرىجىدە ماختىدى، ھەمدە جۇڭگونىڭ سېربىيەنىڭ ئەڭ يېقىن شېرىكى ئىكەنلىكىنى، ئىككى دۆلەتنىڭ سىياسىي مۇناسىۋىتىنىڭ مۇستەھكەملىكىنى، ھەمكارلىق نەتىجىلىرىنىڭ كىشىنى خۇشال قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. سېربىيەنىڭ جۇڭگو بىلەن سېربىيەنىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاش يول، سانائەت باغچە رايونى ، تومۇر يول قاتارلىق ساھەلەردىكى تەرەققىيات قۇرۇلۇشىنى كېڭەيتىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  سۆھبەتتىن كىيىن، ئىككى دۆلەت زۇڭلىلىرى ئىككى تەرەپنىڭ ئۇل ئەسلە، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، پەن تېخنىكا ، سۈپەت تەكشۈرۈش، مائارىپ قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنى ئىمزالاش مۇراسىمىغا قاتناشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر