باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى رەھبەرلىرى بىلەن بىرگە تېز سۈرئەتلىك پويىزغا ئولتۇرغاندا: «16+1 ھەمكارلىقى»نى تېزلىتىش كېرەك دەپ تەكىتلىدى

2015.11.26 15:58         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 25-نويابىر چۈشتىن بۇرۇن 4-قېتىملىق جۇڭگو-ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا دۆلەت رەھبەرلىرى سۆھبىتىگە قاتنىشىش ئۈچۈن جۇڭگوغا كەلگەن ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا دۆلەت رەھبەرلىرىنى بىرلىكتە جۇڭگونىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىزىغا ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلدى.

  سۇجۇ شىمالىي بېكىتىدىن شاڭخەي خۇڭچياۋ بېكىتىگىچە بولغان 100 نەچچە كىلومېتىر يول 20 مىنۇتتا بېسىپ بولۇندى، بۇ «1+16 ھەمكارلىقى»نى تېز ئالغا سۈرىدىغان يول.

  لى كېچياڭ ۋە يىراقتىن كەلگەن ئەزىز مېھمانلار بىر يېپيېڭى يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىزغا چىقتى. پويىز ئۈستىدىكى جۇڭگو ۋە ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپادىكى 16 دۆلەتنىڭ بايرىقى ۋە «17<1+16» دېگەن بەلگىلەر كۆزگە چېلىقىپ تۇراتتى. لى كېچياڭ پويىزدا ھەر قايسى دۆلەت رەھبەرلىرى بىلەن ھەمكارلىق توغرىسىدا سەمىمىي پاراڭلاشتى.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ زېمىنى كەڭ، نوپۇسى كۆپ، قاتناش ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. جۇڭگو ھۆكۈمىتى تۆمۈر يول، تاشيول قاتارلىق قاتناش ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ۋە ئۇلارنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ ئۆزگەرتىشكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ. 30 نەچچە يىللىق ئىسلاھات ئېچىۋېتىش تەرەققىيات مۇساپىسىدە جۇڭگو بۇ ساھەدە زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىز ھازىر ئاممىنىڭ يولغا چىقىش، ساياھەت قىلىشىدىكى ئەڭ قولايلىق، چاققان قاتناش قوراللىرىنىڭ بىرىگە ئايلاندى، بۇ جۇڭگونىڭ قورال-جابدۇق ياسىمىچىلىقىدىكى «ئالتۇن كارتوچكا». جۇڭگو قاتناش ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ساھەسىدە ئەۋزەل ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىغا ئىگە، تېخنىكىسى ئىلغار، قوللىنىشچانلىقى يۇقىرى بولۇپ خەلقئارادا رىقابەتلىشىش كۈچى بار، بۇ بىزنىڭ كۆپ يىلدىن بۇيان ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، تېخنىكىنى ياخشىلاش، قورال-جابدۇقلارنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، ئىنشائات قۇرۇلۇشى ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلەش جەھەتلەردىكى كۆپ تەرەپلىك ئامىللارنىڭ نەتىجىسى. جۇڭگو ھازىر ئېھتىياجلىق دۆلەتلەر بىلەن بۇ نەتىجىدىن ئورتاق بەھرىلىنىشنى، ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى بىلەن قول تۇتۇشۇپ ھەمكارلىشىپ، قاتناش ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى قاتارلىق ساھەلەردە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ھەمكارلىقى ئورنىتىپ، يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىز ۋە تۆمۈر يول لايىھەسى، قۇرۇلۇشى جەھەتتە ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرىنى ئۆزىگە خاس پىلان ۋە مەھسۇلاتلار بىلەن تەمىنلەپ، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ سانائەتلىشىشى ۋە رايونلارنىڭ بىر گەۋدىلىشىشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر