باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

شەندۇڭ ئۆلكىسى زۇپىڭ ناھىيەسىدىكى بىر كارخانىدا كۆمۈر گازى چىقىپ كېتىپ 10 ئادەم قازا قىلدى، سەۋەبى تەكشۈرۈلمەكتە

2015.12.01 13:20         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ1-دېكابر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شەندۇڭ ئۆلكىسى بىنجو شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مىكرو بىلوگىدىكى«ئاپتاپلىق بىنجو» نىڭ ئۇچۇرىغا قارىغاندا، 29-نويابىر سائەت 17:50 لەردە بىنجو شەھىرىنىڭ زۇپىڭ ناھىيەسىدىكى شەندۇڭ فۇكەي داتلاشماس پولات چەكلىك شىركىتىدە كۆمۈر گازى چىقىپ كېتىپ زەھەرلىنىش ھادىسىسى يۈز بېرىپ، 10 ئادەم قازا قىلغان، 7 ئادەم كاربون چالا ئوكسىدتىن زەھەرلىنىپ دوختۇرخانىدا داۋالانماقتا. نۆۋەتتە ھادىسىنىڭ سەۋەبى تەكشۈرۈلۈۋاتىدۇ.

  ج ك پ شەندۇڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئۆلكە باشلىقى گو شۇچىڭ ئالاقىدار تارماق ۋە ئورۇنلاردىن دەرھال جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش مېخانىزمىنى قوزغىتىپ، زەھەرلەنگەنلەرنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قۇتقۇزۇپ، ھادىسە سەۋەبىنى تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلدى. (مەلىكەم تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر