باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ ھوللاندى بىلەن كۆرۈشتى

2015.12.01 15:01         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 29-نويابىر پارىژدا فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ھوللاندى بىلەن كۆرۈشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: سىزنىڭ مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدىكى جۇڭگوغا قىلغان 2-قېتىملىق دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىڭىز مۇۋاپپەقىيەتلىك بولدى، بىز جۇڭگو فىرانسىيە باشلىقلىرى كىلىمات ئۆزگىرىشى بىرلەشمە باياناتىنى بىرلىكتە ئېلان قىلىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ تېز تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش توغرىسىدا نۇرغۇن ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدۇق. كەلگۈسىگە نەزەر سالساق، ئىككى تەرەپ يۇقىرى سەۋىيەلىك سىياسى سۆزلىشىشنى ساقلاپ، كېڭىشىپ بېكىتكەن زور ھەمكارلىق تۈرلىرى ۋە مۇھىم ھەمكارلىق كېلىشىمىنى چىڭ تۇتۇپ يولغا قويۇپ، يېڭىدىن ھەمكارلىق يارقىن نۇقتىسىنى بەرپا قىلىشى كېرەك. ئىككى تەرەپ ئىككى دۆلەتنىڭ يەرلىك ھۆكۈمەتلەر ھەمكارلىقىنىڭ ئىجابى بولۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىقتىساد سودا، مەدەنىيەت، پەن-تېخنىكا، مائارىپ، ساياھەت قاتارلىق ساھەلەردە كۆپ خىل شەكىلدىكى ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئەلرايى ئاساسىنى پۇختىلىشى كېرەك. جۇڭگو 2016-يىلى 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنىنى ئۆتكۈزىدۇ، فىرانسىيە بىلەن بىرلىكتە يېقىندىن ئالماشتۇرۇشنى ساقلاپ، باشلىقلار يىغىنىنىڭ مۇۋاپپىقىيەتلىك بولۇشىغا بىرلىكتە تۈرتكە بولىدۇ ھەمدە يەر شارى ئىقتىسادىنى تېزگىنللەش مەسىلىسىدىكى ئىستراتىگىيەلىك ماسلىشىش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر