- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى خەلق پۇلىنى ئالاھىدە پۇل ئېلىش ھوقۇقى دائىرىسىگە كىرگۈزۈشنى تەستىقلىدى
2015.12.01 15:04 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى : خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى (IMF)نىڭ ئىجرائىيە مۇدىرىيىتى 30-نويابىر خەلق پۇلىنى ئالاھىدە پۇل ئېلىش ھوقۇقى (SDR) دائىرىسىگە كىرگۈزۈشنى تەستىقلىدى، يېڭى پۇل دائىرىسى 2016-يىلى 1-ئۆكتەبىردىن باشلاپ كۈچكە ئىگە بولىدۇ.IMF شۇ كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: ئىجرائىيە مۇدىرىيىتى بەش يىلدا بىر قېتىم قاراپ چىقىدىغان SDR پۇل دائىرىسى قارالمىسىنى تاماملىدى، خەلق پۇلىنى «دائىرىگە كىرگۈزۈش» بارلىق ئۆلچەمگە ئۇيغۇن. 2016-يىلى 1-ئۆكتەبىردىن باشلاپ خەلق پۇلىنى ئەركىن ئىشلەتكىلى بولىدۇ، شۇنداقلا دوللار، ياۋرو، يېن ۋە فوندستېرلىڭ قاتارلىقلار بىلەن بىرگە SDR پۇل دائىرىسىنى تۈزىدۇ.باياناتتا يەنە مۇنۇلار دېيىلدى: ھەر قايسى تەرەپلەرگە يېتەرلىك ۋاقىت بېرىپ يېڭى ئۆزگىرىشكە ماسلىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، يېڭى پۇل دائىرىسى 2016-يىلى 1-ئۆكتەبىردىن باشلاپ كۈچكە ئىگە بولىدۇ. SDRنىڭ قىممىتىنى دوللار، ياۋرو، خەلق پۇلى، يېن ۋە فوندستېرلىڭدىن ئىبارەت پۇل دائىرىسىدىكى بەش خىل پۇلنىڭ ۋەزىنلىك ئوتتۇرىچە قىممىتى بەلگىلەيدۇ. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر