باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ روسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن كۆرۈشتى

2015.12.01 15:02         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى : دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 30-نويابىر پارىژدا روسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن كۆرۈشتى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى ۋە ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان خەلقئارا، رايون مەسىلىلىرى توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى.شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو-روسىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى تېخىمۇ ئىچكىرىلەپ تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ دائىم كۆرۈشۈپ تۇرۇشى ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى ۋە مۇھىم خەلقئارا، رايون مەسىلىلىرى توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇشىدا ئىنتايىن زۆرۈر. جۇڭگو روسىيە بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، جۇڭگو-روسىيەنىڭ ھەر قايسى ساھەلەردە توختىماي يېڭى نەتىجىلەرگە ئېرىشىشنى خالايدۇ. خەلقئارا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋەزىيىتىدە مۇھىم ئۆزگىرىش بولىۋاتىدۇ. جۇڭگو روسىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بىرلىكتە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى قوغداشنى خالايدۇ. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر