باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

چەتئەل جامائەتچىلىكى جۇڭگونىڭ دۆلەت مۇداپىئەسى بىلەن ئارمىيەنى ئىسلاھ قىلىش تەدبىرىگە دىققەت قىلماقتا

2015.12.01 09:08         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بىر نەچچە كۈندىن بۇيان، چەتئەل جامائەتچىلىكى جۇڭگونىڭ دۆلەت مۇداپىئەسى بىلەن ئارمىيەنى ئىسلاھ قىلىشىدىن ئىبارەت زور ئىسلاھات تەدبىرىگە يۈكسەك دەرىجىدە دىققەت قىلىپ، جۇڭگونىڭ دۆلەت مۇداپىئەسى بىلەن ئارمىيەنى ئىسلاھ قىلىش تەدبىرىنىڭ ئۈنۈملۈك ئەمەلىيلىشىشى ئارمىيەنىڭ كۈرەش قېلىش ئىقتىدارى بىلەن ئۇنۇمنى ئاشۇرىدۇ دەپ ھېسابلىدى، ھەمدە جۇڭگونىڭ دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپىلەرنى قوشۇشنى ئۈمىد قىلدى.

  سىنگاپوردا چىقىدىغان بىرلەشمە ئەتىگەنلىك خەۋەرلەر گېزىتىدە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ئىسلاھات تەدبىرىدە خەلقئارانىڭ ئىلغار تەجرىبىلىرى ئەينەك قىلىنىپ، ئېچىۋېتىش قاراش ئارقىلىق يېتەكچىلىك قىلىنىپ، دۇنيادىكى تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرنىڭ تەجرىبىلىرى قوبۇل قىلىنغان بولۇپ، خەلقئارا بىلەن تۇتاشتۇرۇلغان بىر قېتىملىق ھەقىقىي ئىسلاھات.

  ھىندىستانلىق ئىستراتېگىيەلىك تەھلىلچى، ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ پودپولكوۋنىكى باكسار مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: بۇ ئارمىيە ئىسلاھات پىلانى جۇڭگو ئارمىيەسىنىڭ زامانىۋىلىشىشنى تېخىمۇ تېزلىتىپ، تېخىمۇ جانلىق تەشەببۇسكارلىق بىلەن يېڭى دەۋردىكى بىخەتەرلىك خىرىسلىرىغا تاقابىل تۇرىدۇ. جۇڭگونىڭ دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە ئىسلاھاتى ھىندىستانغىمۇ تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ.

  رۇسىيە تاراتقۇلىرى ۋە تەھلىلچىلىرى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو ئەسكىرى سانىنى قىسقارتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئارمىيەنىڭ قۇرۇلۇش سۈپىتىگە تېخىمۇ ئەھمىيەت بەردى. جۇڭگو قىسىملارنىڭ قۇرۇلمىسىنى سەرخىللاشتۇرۇپ، ئارمىيەنىڭ جەڭ قىلىش ئىقتىدارى ئاشۇرۇش، ئەسكەرلەرنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، قىسىملارنىڭ كۈچلۈك جەڭ قىلىش كۈچىنى بەرپا قىلىدۇ.

  ئامېرىكىدا چىقىدىغان نىيۇيورك ۋاقتى گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: جۇڭگونىڭ دۆلەت مۇداپىئەسى بىلەن ئارمىيەنى ئىسلاھ قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش پىلانى، جۇڭگونىڭ ئارمىيە ئىسلاھاتىنى تېخىمۇ كېڭەيتىدىغانلىقىنى نامايان قىلدى، بۇ جۇڭگو ئارمىيەسىنىڭ مۇھىم نۇقتىنى ئەنئەنىۋى قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىدىن تېخىمۇ جانلىق، تېخىمۇ ئۇيۇشۇش كۈچىگە ئىگە قىسىم قۇرۇلۇشىغا بۇراشقا قاراپ تاشلىغان بىر زور قەدىمى ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى.

  رېتىر ئاگېنتلىقى، ياپونىيە كىيوتو ئاگېنتلىقى، كەسپى سانكىې گېزىتى، توكيو خەۋەرلىرى قاتارلىق چەتئەل تاراتقۇلىرى جۇڭگونىڭ دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە ئىسلاھاتى توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنى دەل ۋاقتىدا خەۋەر قىلىپ، جۇڭگونىڭ ئارمىيە ئىسلاھاتىنىڭ نىشانى ئارمىيەنىڭ ئۇرۇش قىلىش كۈچىنى ئاشۇرۇپ، ئارمىيەنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشتىن ئىبارەت دەپ ھېسابلىدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر