باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كەنتلەردە تەنتەربىيە–چېنىقىش ئەسلىھەلىرى ئومۇملاشماقتا

2015.11.30 18:21         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جىڭ بو خەۋەر قىلىدۇ: جەنۇبىي شىنجاڭدىكى كەنت ئاھالىلىرى قىشتىكى ئارىسال ۋاقىتلىرىدا ۋاسكېتبول مۇسابىقىسى ئويناش، چېنىقىش ئۈسكۈنىلىرىدە چېنىقىشنى تۇرمۇش ئادىتىگە ئايلاندۇرماقتا.

  بۇ يىل جەنۇبىي شىنجاڭدا، يەنى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى 3158 كەنتتە 125 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان ‹‹دېھقان – چارۋىچىلار بەدەن چېنقتۇرۇش قۇرۇلۇشى›› پۈتۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇشى ۋە بەدەن چېنىقتۇرۇشى ئۈچۈن شارائىت ھازىرلاندى، بۇنىڭ بىلەن تەنتەربىيە پائالىيىتى ئاممىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا سىڭدى.

  بۇ قۇرۇلۇشتىن بىۋاسىتە مەنپەئەتلەنگەن كۇچا ناھىيەسىنىڭ ئۈچئۆستەڭ يېزىسى پەيزاۋات كەنتىدىكى ياسىن كۈندە دېگۈدەك كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىغا چېنىققىلى كېلىدۇ. ئۇ: ياشلار بىلەن كۈندە ۋاسكېتبول ئوينايدىغان بولدۇم، ئادەم چېنىقىپ تۇرسا ھەم ساغلام، ھەم تېتىك بولۇپ قالىدىكەن، دېدى.

  60 ياشلىق ياسىننىڭ چىرايىدىن نۇر يېغىپ تۇراتتى، ئۆزىمۇ روھلۇق، ئەمەلىي يېشىدىن خېلىلا ياش كۆرۈنەتتى. ئۇ: كەنتىمىزدە ئىلگىرى توپ مەيدانى بولمىغاچقا، ئۆيۈمدىن نەچچە كىلومېتىر يىراقلىقتىكى يېزىلىق مەدەنىيەت پونكىتىغا بېرىپ چېنىقاتتىم. بەزىدە ئىشىك تاقاق بولسا، چېنىقالماي قايتاتتىم. ھازىر كەنتىمىزدە مەيدان بولغاچقا، بىز ياشانغانلارغا قولايلىق يارىتىلدى، ياشلارمۇ كۈندە دېگۈدەك كېلىپ مۇسابىقە ئۆتكۈزىدىغان، مەيداندا تۈرلۈك پائالىيەتلەر ئۈزۈلمەيدىغان بولدى، دېدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىمچە، بۇ يىل 10 – ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، قەشقەر ۋىلايىتىدىكى 1558 كەنت، ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى 613 كەنت، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى 56 كەنتتە ‹‹دېھقان – چارۋىچىلار بەدەن چېنىقتۇرۇش قۇرۇلۇشى›› تولۇق تاماملىنىپ ئىشلىتىشكە كىرىشتۈرۈلگەن. بۇ قۇرۇلۇش خوتەن ۋىلايىتىدىكى 931 كەنتنىڭ %95 ىدە تاماملانغان بولۇپ، قالغىنى مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرىدا تاماملىنىدىكەن.

  ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى لى گۇاڭمىڭ مۇنداق دېدى: ئۆتكەن بەش يىل شىنجاڭنىڭ تەنتەربىيە ئىشلىرى تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلغان بەش يىل بولدى. ‹‹12 – بەش يىل›› مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىز ناھىيە دەرىجىلىك ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش پائالىيەت مەركىزىدىن 58نى، يېزا – بازارلاردا دېھقانلار بەدەن چېنىقتۇرۇش قۇرۇلۇشىدىن 185نى، كەنت ‹‹دېھقان – چارۋىچىلار بەدەن چېنىقتۇرۇش قۇرۇلۇشى››دىن 6202نى تاماملىدى، تەنتەربىيە باغچىسىدىن سەككىزنى، مەھەللە بەدەن چېنىقتۇرۇش كۇلۇبىدىن ئوننى، مەھەللە كۆپ ئىقتىدارلىق تەنھەرىكەت مەيدانىدىن 15نى سالدى. ‹‹شىنجاڭ تەنتەربىيە ئىشلىرى تەرەققىي قىلمىغان، نىسبەتەن ئارقىدا قالغان رايوندىن بىرقەدەر تەرەققىي قىلغان، ئىلغار رايونلار قاتارىغا كىردى››.

  ئىگىلىشىمچە، 2010 – يىلىدىن 2014 – يىلى 5 – ئايغىچە، دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسى بىلەن ئاپتونوم رايون تەنتەربىيە خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىغا جەمئىي 346 مىليون 150 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، ناھىيە، شەھەر، يېزا، بازار، كەنتلەردە بىر تۈركۈم تەنتەربىيە مەيدانى ۋە تەنتەربىيە سارايلىرىنى سالدى، بۇنىڭ بىلەن پۇقرالار مەھەللىسىدىلا بەدەن چېنىقتۇرالايدىغان بولدى.

  لى گۇاڭمىڭ ھاياجانلانغان ھالدا: ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن ساغلام بولۇش كېرەك، دەيدىغان قاراش كۆپچىلىكنىڭ ئورتاق تونۇشىغا ئايلاندى. ھازىر شەھەر ۋە يېزا – كەنتلەردە، بەدەن چېنىقتۇرۇشنى ئادەتكە ئايلاندۇرغان كىشىلەر بارغانسېرى كۆپەيدى. تەنتەربىيە خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش سالمىقىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېشىشى پۇقرالارنى ساغلام، مەدەنىي تۇرمۇشقا يېتەكلەيدۇ، دېدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر