باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

يىپەك يولى ئارزۇسى ياۋروپا، ئاسىيا دۆلەتلىرىدىكى ياش رەھبەرلەرنىڭ بىلىم ئاشۇرۇش، تەجرىبە ئالماشتۇرۇش ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر سانجىدا ئېكسكۇرسىيەدە بولدى

2015.11.30 18:21         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇبارەك ئىسمائىل خەۋەر قىلىدۇ: 28 – نويابىر يىپەك يولى ئارزۇسى ياۋروپا، ئاسىيا دۆلەتلىرىدىكى ياش رەھبەرلەرنىڭ بىلىم ئاشۇرۇش، تەجرىبە ئالماشتۇرۇش ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر سانجى ئوبلاستىدا زىيارەتتە بولدى.

  ۋەكىللەر ئۆمىكى شىنجاڭ ئالاھىدە تىرانسفورموتور سانائىتى پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخى، كۆرگەزمە زالىنى، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك كۆرگەزمە باغچىسىنى كۆزدىن كەچۈردى. شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ياشلار كومىتېتىنىڭ روسىيە ئالاقە باشقارمىسىدىكى گاباسوف مۇنداق دېدى: ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى ياساش كەسپى جۇڭگو ئېنېرگىيە ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدا مۇھىم ئورۇننى ئىگىلەيدۇ، ئېكسكۇرسىيە ئارقىلىق بىز جۇڭگونىڭ سۇ ئېلېكتىر ۋە ساپ ئېنېرگىيە كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىگىلىدۇق، بۇ شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى، شۇنداقلا قوشنا ئەللەرنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ.

  قازاقىستان ‹‹ۋەتەن نۇرى›› ياشلار تەشكىلاتى ئوترار ئوبلاستىنىڭ سېكرېتارى ساكوشوف ئايان مۇنداق دېدى: شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىدىن ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى تەجرىبە ئالماشتۇرۇش، ئۆگىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› ئىستراتېگىيەسى بويىچە قوش ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەكلىكىنى ھېس قىلدىم.

  شىنجاڭ چوڭ تىياتىرخانىسىدا چوڭ تىپتىكى ناخشا – ئۇسسۇل ‹‹غەربىي رايونغا قايتىش››نى كۆرگەندىن كېيىن، ئۆزبېكىستاندىن كەلگەن لازابوف بەگزاد مۇنداق دېدى: بۇ ئويۇندىن مەن يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ كەلگۈسىنى كۆرگەندەك بولدۇم، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى چوقۇم تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە گۈزەللىكىنى ھېس قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر