باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

رەئىس شى جىنپىڭ كېلىمات ئۆزگىرىشى پارىژ يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنداق تەكىتلىدى:

ئىشەنچنى چىڭىتىپ، بىر نىيەتتە بولۇپ، قول تۇتۇشۇپ ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ ئالىدىغان، ئادىل ۋە مۇۋاپىق بولغان كېلىمات ئۆزگىرىشىنى تۈزەش مېخانىزمى بەرپا قىلىش كېرەك

2015.12.01 14:59         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى : دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 30-نويابىر پارىژدا كېلىمات ئۆزگىرىشى پارىژ يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم «قول تۇتۇشۇپ ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ ئالىدىغان، ئادىل ۋە مۇۋاپىق بولغان كېلىمات ئۆزگىرىشىنى تۈزەش مېخانىزمى بەرپا قىلايلى» دېگەن تېمىدا مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنداق تەكىتلىدى: ھەر قايسى تەرەپلەر سەمىمىي بولۇپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، بىر نىيەتتە بولۇپ، دۇنيادىكى كېلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرىدىغان ئادىل ۋە ئۈنۈملۈك مېخانىزم بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۇنيانىڭ تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ ئالىدىغان خەلقئارا مۇناسىۋەت ئورنىتىش كېرەك.

  شۇ جاي ۋاقتى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9دىن 25 مىنۇت ئۆتكەندە، شى جىنپىڭ بۇرگېت كۆرگەزمە مەركىزىگە يېتىپ باردى، فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ئوللاند بىلەن ب د ت باش كاتىپى بان كىمون ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنىدا شى جىنپىڭنى كۈتۈۋالدى.

  شى جىنپىڭ سۆزىدە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: پارىژ يىغىنى «ب د ت كېلىمات ئۆزگىرىشى رامكا ئەھدىنامىسى»نى يولغا قويۇشنى كۈچەيتىپ، ئەتراپلىق، تەكشى، سالمىقى بار ھەم چەكلەش كۈچىگە ئىگە كېلىمات ئۆزگىرىشى كېلىشىمى ھاسىل قىلىشى كېرەك. پارىژ كېلىشىمى 2020-يىلىدىن كېيىنكى دۇنيا كېلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش ھەرىكىتىنى كۆزلىشى، شۇنداقلا دۇنيانىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى تېخىمۇ ياخشى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولىدىغان ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشۇشى كېرەك. كېلىشىم ئەھدىنامىدىكى نىشانغا يېتىشكە، ئاتموسفېرادىكى پارنىك گازىنىڭ قويۇقلىشىشىنى ئۈنۈملۈك تىزگىنلەشكە، تەرەققىياتنى يېشىل بولۇشقا يېتەكلەشكە پايدىلىق بولۇشى؛ پۈتۈن دۇنيانىڭ كۈچىنى توپلاپ، ھەممە تەرەپلەرنى ئومۇميۈزلۈك قاتنىشىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، ئاۋامنىڭ ئېڭىنى ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق بولۇشى؛ سېلىنمىنى ئاشۇرۇپ، ھەرىكەت كاپالىتىنى كۈچەيتىشكە، تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرنىڭ ۋەدىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنى تېخىمۇ كۈچلۈك مەبلەغ ياردىمى بىلەن تەمىنلىشى ھەم تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە كېلىماتقا پايدىلىق تېخنىكىلارنى ئۆتۈنۈپ بېرىشىگە پايدىلىق بولۇشى؛ ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئەھۋالىغا ئېتىبار بېرىش ۋە ئەمەلىي ئۈنۈمنى تەكىتلەشكە، كېلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇشنىڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ نامراتلىقنى تۈگىتىپ، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش جەھەتتىكى مۇۋاپىق تەلىپىگە توسقۇنلۇق قىلماسلىققا پايدىلىق بولۇشى كېرەك. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر