باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

پەرھات خالىق « كىلائۇس شاھ مۇكاپاتى »غا ئېرىشتى

گوللاندىيىدە شىنجاڭنىڭ خۇش ئاۋازىنى ياڭراتتى

2015.12.04 13:55         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى : ھازىر ياۋروپادا سەييارە ئويۇن قويىۋاتقان پەرھات كىلائۇس شاھ فوندى جەمئىيىتىنىڭ تەكلىپنامىسىنى تاپشۇرىۋېلىپ، 2-دېكابىر گوللاندىيە پايتەختى ئامىستېردامدىكى خان ئوردىسىدا« كىلائۇس شاھ مۇكاپاتى »نى تاپشۇرىۋالدى، گوللاندىيە خان جەمەتى ئەزالىرىمۇ پائالىيەتكە قاتناشتى.

  مۇكاپاتلاش مۇراسىمىدا، كىلائۇس شاھ فوندى جەمئىيىتى ئون نەپەر سەنئەتكار ۋە مەدەنىيەت ساھەسىدىكى مەشھۇر شەخسنى مۇكاپاتلاپ، ئۇلارنىڭ سەنئەت ۋە مەدەنىيەت ساھەسىگە قوشقان يول ئېچىش خاراكتېرىدىكى تۆھپىسىنى تەقدىرلىدى.

  ئون نەپەر مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىنى كلائۇس شاھ مۇكاپاتى تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ خەلقئارا مۇستەقىل باھالىغۇچىلىرى كەسكىن تاللاش ئارقىلىق تاللاپ چىقىدۇ. بۇنىڭدىن ئىلگىرى بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن جۇڭگولۇقلار بەكلا ئاز، شۇڭلاشقا، پەرھاتنىڭ بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشىشى، شۈبھىسىزكى ئۇنىڭ سەنئەت مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە بولغان ئىنتايىن زور مۇئەييەنلەشتۈرۈش ھىسابلىنىدۇ.

  كلائۇس شاھ فوندى جەمئىيىتى پەرھاتنىڭ ئەنئەنىۋى ئۇيغۇر مۇزىكىلىرىغا ھازىرقى زامان تولغىما ئۇسسۇل مۇزىكىسى ۋە بلۇس مۇزىكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ، سېھرىي كۈچكە تولغان ئاۋازى ۋە شېئىرىي ناخشا تېكىستى بىلەن ئاز سانلىق مىللەت مۇزىكىلىرىنى تېخىمۇ كۆپ رايون ۋە كىشىلەر توپى ئارىسىدا تارقاتقانلىقىنى ماختىدى.

  پەرھات مۇكاپاتلاش مۇراسىمىدا ئۆزىنىڭ ئىجادىي ناخشىلىرىدىن « ئاسمان نەقەدەر گۈزەل» ۋە « شۈكۈرى قىل» نى ئېيتىپ، بۇ پۇرسەتتە ئۇيغۇر ناخشا - مۇزىكىلىرىنى دۇنياغا تونۇتتى. (مەرھابا تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر