باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ لائوس قۇرۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

جاڭ دېجياڭ شى جىنپىڭنىڭ تەبرىك خېتىنى يەتكۈزۈپ بەردى ۋە لائوس قۇرۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇراسىمىغا قاتناشتى

2015.12.03 16:29         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 1-دېكابىر لائوس خەلق ئىنقىلابىي پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى چوئۇممالىغا ئۆز قولى بىلەن خەت يېزىپ، لائوس خەلق دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلىدى.

  شى جىنپىڭ خېتىدە مۇنداق دېدى: لائوس خەلق دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقى مابەينىدە، مەن جۇڭگو پارتىيەسى، ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىگە ۋاكالىتەن شۇنداقلا ئۆز نامىم بىلەن باش شۇجى يولداش چوئۇممالىنى، لائوس پارتىيەسى، ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن. 40 يىلدىن بۇيان، لائوس خەلق ئىنقىلابىي پارتىيەسىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، لائوستىكى ھەر مىللەت خەلق ئۆز كۈچىگە تايىنىپ، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىپ، سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش ۋە پرىنسپچان ئومۇميۈزلۈك ئىسلاھات ئىشلىرىدا زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. سىلەرنىڭ قولغا كەلتۈرگەن نەتىجەڭلەر ئۈچۈن خۇشال بولىمىز ۋە لائوس خەلق ئىنقىلابىي ئىتتىپاقىنىڭ لائوستىكى ھەر مىللەت خەلقىنى يېتەكلەپ، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇپ، خەلقنى بېيىتىش، جەمئىيەت ئىتتىپاق، ئىناق بولۇش، دېموكراتىك، ئادىل، مەدەنىيەتلىك سوتسىيالىستىك دۆلەت قۇرۇش مۇساپىسىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈرىمىز. ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى بىلەن، جۇڭگو-لائوسنىڭ سىياسىيدا ئۆز ئارا ئىشىنىشى كۈنسېرى كۈچىيىپ، ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقى تېز تەرەققىي قىلىپ، ئادىمىيلىك ئالماشتۇرۇشى مىسلىسىز جانلىنىپ، ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋىتى تارىختىن بۇيانقى ئەڭ ياخشى مەزگىلگە قەدەم قويدى. بىز لائوس بىلەن بىر يولدا مېڭىپ، ئەبەدىي ئەمىنلىك، قوشنىلار ئارا دوستانە ئۆتۈش، ئۆز ئارا ئىشىنىش، ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىق فاڭجېنى ۋە ياخشى قوشنا، ياخشى دوست، ياخشى بۇرادەر، ياخشى ھەمراھ بولۇش روھىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئۆز ئارا ئىشىنىپ، ئۆز ئارا ياردەم بېرىپ، ئۆز ئارا نەپ يەتكۈزۈدىغان جۇڭگو-لائوس ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى زور دەرىجىدە چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇستەھكەم جۇڭگو-لائوس تەقدىرداش ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىپ، ئۆز رايونىمىزنىڭ شۇنداقلا دۇنيانىڭ تىنچ، مۇقىملىقى، تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ تۆھپە قوشۇشنى خالايمىز. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر