باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بېيجىڭ خەيديەن رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى: بەزىلەر ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە باشلانغۇچ مەكتەپتە زەھەر سودىسى قىلىدىكەن

2015.12.04 14:06         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-دېكابر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:بېيجىڭ شەھىرى خەيدىيەن رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مىكرو بلوگىدىكى خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، يېقىندا، خەيديەن رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى يېقىنقى ئالتە يىللىق خەيديەن رايونىدىكى زەھەر جىنايىتىگە چېتىشلىق دېلولارنىڭ ئۆزگىرىش ئەھۋالى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش دوكلاتىنى ئېلان قىلغان.

  «دوكلات»تا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، خەيديەن رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى سوت قىلىپ ئاياغلاشتۇرغان زەھەر جىنايىتى دېلوسى 312 كە، چېتىشلىق كىشى 308 ئادەمگە يەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە ئاياللار %20تنى ئىگىلىگەن. قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ زەھەرگە چېتىشلىق دېلوسى ئىزچىل كۆپەيگەن. زەھەر سودىسى قىلىنىدىغان ئورۇنلار تەدرىجىي تانسىخانا، كىنوخانا، سودا سارىيى، تاللا بازار، ۋوگزال قاتارلىق جايلارغا يۆتكەلگەن، ھەتتا ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ قاتارلىق ياشلار-ئۆسمۈرلەر پائالىيەت سورۇنىدا زەھەر سودىسى قىلىش ئەھۋالى كۆرۈلگەن.

  2010 – يىلىدىن 2015 –يىلىغىچە سوت قىلىپ ئاياغلاشقان بارلىق زەھەرگە چېتىشلىق جىنايى دېلولارغا ئاساسلانغاندا، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئاياللار ۋە يۇقىرى مەلۇماتلىق كىشىلەرنىڭ زەھەرگە چېتىشلىق مەسىلسىنىڭ مەۋجۇت بولۇشى ئۆرلىگەن، كرىستال زەھەر 1 - چوڭ زەھەر تۈرىگە ئايلانغان. ھەمدە زەھەر سودىسىنىڭ رايون ئاتلاش ئەھۋالى بىر قەدەر گەۋدىلىك بولغان.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر