باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەننىڭ 489 ھۆججىتى كۈچتىن قالدى

2015.12.04 15:19         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ تەستىقلىشى ئارقىلىق، گوۋۇيۈەن يېقىندا «بىر تۈركۈم گوۋۇيۈەن ھۆججەتلىرىنى كۈچتىن قالدۇرۇشنى جاكارلاش ھەققىدىكى قارار»نى چىقاردى. قاراردا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: گوۋۇيۈەن بۇ يىلدىن تارتىپ ئۈچ يىل ئىچىدە، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيانقى گوۋۇيۈەن ھۆججەتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك رەتلەپ چىقىدۇ، بۇنىڭدىن مەقسەت-ئورگانلارنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈش، قويۇۋېتىش بىلەن باشقۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش، ئىسلاھاتقا بولغان مۇلازىمەتنى سەرخىللاشتۇرۇشقا يەنىمۇ تۈرتكە بولۇپ، ئامما ئىگىلىك تىكلەش، ھەممە يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىجادچانلىقىنى ئۇرغۇتۇپ، قانۇن بويىچە ئىدار قىلىنىدىغان ھۆكۈمەت قۇرۇشنى تېزلىتىپ، گوۋۇيۈەن ھۆججەتلىرىنىڭ نوپۇزى، كەسكىنلىكىنى قوغداشتىن ئىبارەت. قاراردا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ئالدىنقى باسقۇچلۇق رەتلەش ئارقىلىق، گوۋۇيۈەن مۇنۇلارنى قارار قىلدى: ھازىرقى قانۇن، بەلگىلىمىلەر بىلەن بىردەك بولمىغان، ئورنىنى يېڭى بەلگىلىمە ئالغان، تەڭشەش ئوبيېكتى يوقالغان، خىزمەت ۋەزىپىسى ئورۇنلىنىپ بولغان ياكى ئىشلىتىش مۆھلىتى ئۆتۈپ كەتكەن گوۋۇيۈەننىڭ 489 ھۆججىتىنىڭ كۈچتىن قالغانلىقىنى جاكارلايمىز. ئومۇمەن كۈچتىن قالغانلىقى جاكارلانغان گوۋۇيۈەن ھۆججەتلىرى بۇ قارار چىقىرىلغان كۈندىن تارتىپ بىردەك ئىجرا قىلىنمايدۇ شۇنداقلا مەمۇرىي باشقۇرۇشنىڭ ئاساسى قىلىنمايدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر