باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئوقۇشتىن ۋاقتىنچە توختاپ ئىگىلىك تىكلەشكە بولىدۇ

2015.12.07 16:16         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گۇاڭدوڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت بەنگوڭتىڭى يېقىندا ئېلان قىلغان «ئالىي مەكتەپ پەن-تەتقىقات تۈزۈلمە-مېخانزمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ھەققىدىكى يولغا قويۇش پىكرى»دە، شارائىتى بار ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇش نومۇرى تۈزۈمى باشقۇرۇش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يېڭىلىق يارىتىپ ئىگىلىك تىكلىشى ئۈچۈن پايدىلىق شارائىت بىلەن بىلەن تەمىنلىشىنى قوللاش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇشنى تاماملاش يىل چېكىنى كېڭەيتىش، ئوقۇۋاتقان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى(ئاسپرانتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)نىڭ ئوقۇش ئارخىپىنى ساقلاپ قېلىپ، ئوقۇشنى ۋاقتىنچە توختىتىپ ئىگىلىك تىكلەش پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشىغا رۇخسەت قىلىنىدىغانلىقى ئېيتىلدى.

  ھۆججەتتە، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ مۇناسىپ بەلگىلىمەرنى تۈزۈپ چىقىپ، ئوقۇشنى ۋاقتىنچە توختىتىپ ئىگىلىك تىكلەيدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇشتىن خالاس قىلىنغان دەرسلىكلىرىنىڭ دائىرىسى ۋە مۇناسىپ دەرسلىك نەتىجىسىنى سىناپ باھالاش ئۇسۇلىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشى؛ مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىپ ئىگىلىك تىكلىشىنى قوللاش خىزمىتى ئەھۋالى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىقتىساسلىقلارنى تەربىيەلەش سۈپىتىنى باھالاشنىڭ مۇھىم كۆرسەتكۈچى قىلىنىدىغانلىقى تەلەپ قىلىندى. (ئالىم راخمان تەرجىمىسى)

  تەرجىمە مۇھەررىرى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر